UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئورۇن پارا ئېلىش جىنايىتى

ئورۇن پارا ئېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ۋە ئېلىپ، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەنلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، ئورۇنلىرى، شۇنىڭدەك خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى ۋە فۇنكىسىيىلىك پائالىيىتى ھەم ئىناۋىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلغان، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ئېغىر قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 387 - ماددا باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ۋە قانۇنسىز ئېلىپ، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلاردىن، ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە ھېساب سىرتىدا تۈرلۈك نامدا بېرىلگەن ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققىنى خۇپىيانە ئالغانلىرى پارا ئالغان دەپ قارىلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلوئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) ئورۇن پارا ئېلىش جىنايىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا، دېلو ئېچىش لازىم؛ 1( ئورۇن ئالغان پارا سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 2) ئورۇن ئالغان پارا سوممىسى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا؛ (1) مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، شەخسلەرنى قەستەن قىيىن ئەھۋالغا قالدۇرۇپ، زورلاپ يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا؛ (2) پۇل - مال بېرىشكە قىستىغان بولسا؛ (3) دۆلەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت