UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتباشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرىش جىنايىتى

باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - پۇقرالارنىڭ تۇرار جاي دەخلىسىزلىك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 245 - ماددا باشقىلارنىڭ يېنىنى، تۇرار جايىنى قانۇنسىز ئاختۇرغانلرغا ياكى باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئەدلىيە خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
باشقىلارنىڭ تۇرار جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki