UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتۇتۇپ كېتىش جىنايىتى

تۇتۇپ كېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - مالنى قاقتى - سوقتى قىلىش ياكى باشقىلارنى تۇتقۇن قىلىش مەقستىدە زورلۇق ئىشلىتىپ، تەھدىت سېلىش ياكى مەست قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باشقىلارنى ئېلىپ كەتكەن ياكى مالنى قاقتى - سوقتى قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنى تۇتۇپ كەتكەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، مەست قىلىش ۋە باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق باشقىلارنى تۇتۇپ كېتىپ، ئۇلارنى مەخپىي يوشۇرۇپ قويغان ياكى كونترول قىلىۋالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى قاقتى - سوقتى قىلىش ياكى باشقىلارنى تۇتۇپ كېتىپ تۇتقۇن قىلىش مەقسىتى بولغان بولىدۇ. 239 - ماددا پۇل - مالنى قاقتى - سوقتى قىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى زورلۇق بىلەن تۇتۇپ كەتكەنلەرگە ياكى تۇتۇپ كېتىپ تۇتقۇن قىلىۋالغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ تۇتۇپ كېتىلگۈچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى تۇتۇپ كېتىلگۈچىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. پۇل - مالنى قاقتى - سوقتى قىلىش مەقسىتىدە بوۋاق ۋە گۆدەك بالىلارنى ئوغرىلىغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت