ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ ھەربىيلەردىن قوماندانلىق قىلغۇچىلار ياكى دىژورنىلار، ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىملرنىڭ ۋەزىپىنى نورمال ئىجرا قىلىش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە زورلۇق ئىشلىتىش ياكى تەھدىت سېلىش يولى بىلەن ھەربىي قىسىمدىكى قوماندانلىق قىلغۇچىلار، دىژورنىلار، ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ھەربىي ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشغا توسقۇنلۇق قىلغان ياكى توسقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەرخىل ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
426 - ماددا قوماندانلىق قىلغۇچىلار ياكى دىژورنىلار، ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.