قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكتىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى سولاپ قويۇش، نەزەربەند قىلىش ياكى باشقا زورلۇق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، باشقىلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكتىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ (دۆلەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ھەم ئادەتتىكى پۇقرالار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
238 - ماددا باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكتىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش، ھاقارەتلەش قىلمىشى بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ ئادەمنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. زورلۇق ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
قەرزىنى قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى قانۇنسىز تۇتۇۋالغان ۋە سولاپ قويغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈگەنلىرىگە ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(سىناق نۇسخىسى 1999 - يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى)
دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز سولاش قىلمىشى تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك:
1) قانۇنسىز سولاشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى 42 سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولسا؛
2)باشقىلارنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنسىز سولىغان ياكى بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنى قانۇنسىز سولىغان بولسا؛
3) باشقىلارنى قانۇنسىز سولىغان ھەمدە باغلاش، ئۇرۇش، ھاقارەتلەشكە ئوخشاش قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسا؛
4) قانۇنسىز سولاپ ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى، ئۆلۈشى ۋە ئېلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
5) قەرزنى قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇپ، سولاپ قويۇپ، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا؛
6) ئەدلىيە خادىملىرى گۇناھسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قانۇنسىز سولاپ قويغان بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. چوڭ دېلو
(1) قانۇنسىز سولاپ ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى ياكى ئېلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(2) خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياكى گۇناھسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنسىز سولاپ قويغان بولسا؛
(3) قانۇنسىز سولاشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى بىر ئايدىن ئاشۇرۋەتكەن ياكى بىر قېتىمدا 10 دىن ئارتۇق ئادەمنى قانۇنسىز سولاپ قويغان بولسا.
2. پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو
قانۇنسىز سولاپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولسا.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن قوغدىمايدىغان قەرزنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى قانۇنسىز قاماش قىلمىشىغا قانداق جىنايەت بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى) 19 - نومۇرلۇق
جىنايى ئىشلار قانۇنىنى توغرا تەتبىقلاش ئۈچۈن، جازانىخورلۇق، قىمار قەرزى قاتارلىق قانۇن قوغدىمايدىغان قەرزلەرنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى قانۇنسىز قاماش قىلمىشىغا قاندق جىنايەت بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز:
قىلمىش سادىر قىلغۇچى جازانىخورلۇق، قىمار قەرزى قاتارلىق قانۇن قوغدىمايدىغان قەرزلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ قالغان، قاماپ قويغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇننىڭ 238 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.