UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇر توقۇش ۋە تارقىتىش جىنايىتى

ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇر توقۇش ۋە تارقىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقىتىپ، ئاكسىيە، زاكاز سودا بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئاكسىيە ۋە زاكاز مال سودىسىنىڭ نورمال تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇرلارنى توقۇپ ۋە تارقىتىپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودا بازىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 181 - ماددا 1 - تارماق، 3 - تارماق ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقىتىپ، ئاكسىيە ۋە زاكاز مال سودا بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) ئاكسىيە سودىسىغا، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقىتىپ، ئاكسىيە ۋە زاكاز مال سودا بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) مەبلەغ سالغۇچىلارنى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ 2) سودا باھاسى ۋە سودا مىقدارىنىڭ بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ 3) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت