UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتباشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى

باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە، ئىستېمال قىلىشىغا ۋە ئوكۇل قىلىپ سېلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ جەمئىيەتنى نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە خەلقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە، ئىستېمال قىلىشىغا ۋە ئوكۇل قىلىپ سېلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 354 - ماددا باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە، ئىستېمال قىلىشىغا ۋە ئوكۇل قىلىپ سېلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 356 - ماددا زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت