دۆلەت مەخپىيىتىگە قانۇنسىز ئېرىشىۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىگە قانۇنسىز ئېرىشىۋالغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن دۆلەت مەخپىيىتىگە قانۇنسىز ئېرىشىۋالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (جۇڭگولۇق بولسىمۇ ياكى چەت ئەللىك، دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان ئادەم بولسىمۇ بولىدۇ).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
282 - ماددا ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىگە قانۇنسىز ئېرىشىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانە قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇنى
31 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىييىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان، لېكىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاش شەرتىگە توشمايدىغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
32 - ماددا دۆلەت زېمىنى سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملارغا دۆلەت مەخپىيىتىنى ئوغرىلاپ بەرگەن، ئۇقۇشۇپ بەرگەن، سېتىۋېلىپ بەرگەن، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى
(1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
12 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تاموژنا، چېگرا مۇداپىئەسى قاتارلىق تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى ۋە ماتېرىيال - ئەسۋابلارنى تەكشۈرمەسلىكنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدار تەكشۈرۈش تارماقلىرى بۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
29 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلىغان ھەمدە مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى ساقلىغان، ئىشلەتكەن بولسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە يېنىنى، نەرسە - كېرەكلىرىنى، ئۆيىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا جايلرنى ئاختۇرسا بولىدۇ؛ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملىرى ھەمدە قانۇنسىز ساقلىغان، ئىشلەتكەن مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> نى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي پرىنسىپى
(1994 - يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)
9 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەردىن چېگرىغا كىرگەندىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارالغانلىرىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى مەلۇم مەزگىلگىچە چېگرىغا كىرگۈزمەسلىكنى بەلگىلىسە بولىدۇ.