ئەتكەسچىلىككە يول قويۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تاموژنا خىزمەتچى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ئەتكەسچىلىككە يول قويۇش قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاموژنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ئەتكەسچىلىككە يول قويۇش قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى تاموژنا خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
411 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ئەتكەسچىلىككە يول قويغان تاموژنا خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
(1) ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە يول قويغان بولسا؛
(2) ئەتكەسچىلىككە يول قويۇپ، دۆلەتنىڭ باق كىرىمىنى جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
(3) ئەتكەسچىلىك قىلمىشىغا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يول قويغان ياكى ئۈچ ئەتكەسچىلىك قىلمىشىغا بىر قېتىمدىلا يول قويغان بولسا؛
(4) پارا ئېلىپ ئەتكەسچىلىككە يول قويغان بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
دۆلەت باج كىرىمىگە سالغان زىيىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
دۆلەت باق كىرىمىگە سالغان زىيىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.