UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى

دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، يەر باشقۇرۇش قانۇن - قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشتىكى نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشتەك قىلمىش ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 140 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) ئىككى گېكتار (30 مو) دىن ئارتۇق دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز (جۈملىدىن ھەقسىز) ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا ھەمدە باھاسى بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن باھادىن 60 پىرسەنت تۆۋەن بولسا؛ 2) ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنىڭ مو سانى يۇقىرىقى ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسىمۇ، دۆلەت ئىلكىدىكى يەر مۈلكىنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچرىشى ياكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 3) دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ماجىرا تۇغدۇرۇپ، يامان تەسىر ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) 60 مودىن ئارتۇق دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھەمدە ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسى دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن باھا ئۆلچىمىدىن 60 پىرسەنت تۆۋەن بولسا؛ (2) دۆلەت ئىلكىدىكى يەر مۈلكىنىڭ 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) 90 مودىن ئارتۇق دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھەمدە ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسى دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن باھا ئۆلچىمىدىن 40 پىرسەنت تۆۋەن بولسا؛ (2) دۆلەت ئىلكىدىكى يەر مۈلكىنىڭ بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki