UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئوخشاش تىجارەتنى قانۇنسىز باشقۇرۇش جىنايىتى

ئوخشاش تىجارەتنى قانۇنسىز باشقۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر ۋە كارخانىلارنىڭ مۇدىر، دىرېكتورلىرىدىن ۋەزىپىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەت ۋە كارخانىنىڭ تىجارىتى بىلەن ئوخشاش تىجارەتنى ئۆزى باشقۇرۇپ ياكى باشقىلارغا باشقۇرۇپ بېرىپ، كۆپ مىقداردا قانۇنسىز پايدا ئالغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانىلارنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقى ھەمدە دۆلەتنىڭ شىركەتلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ۋەزىپسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەت ۋە كارخانىنىڭ تىجارىتى بىلەن ئوخشاش تىجارەتنى ئۆزى باشقۇرۇپ ياكى باشقىلارغا باشقۇرۇپ بېرىپ، قانۇنسىز پايدا ئالغانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانىلارنىڭ مۇدىر، دىرېكتورلىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 165 - ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت ۋە كارخانىلارنڭ مۇدىر، دىرېكتورلىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەت ۋە كارخانىنىڭ تىجارىتى بىلەن ئوخشاش تىجارەتنى ئۆزى باشقۇرۇپ ياكى باشقىلارغا باشقۇرۇپ بېرىپ، قانۇنسىز پايدا ئالغانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر ۋە كارخانىلارنىڭ مۇدىر، دىرېكتورلىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەت ۋە كارخانىنىڭ تىجارىتى بىلەن ئوخشاش تىجارەتنى ئۆزى باشقۇرۇپ ياكى باشقىلارغا باشقۇرۇپ بېرىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پايدا ئالغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت