UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتسەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايىتى

سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - سەۋەنلىك بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆلۈم ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى باشقىلارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇش، ھەمدە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدىن ئىبارەت يامان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغان بولۇش، قىلمىش بىلەن ئۆلۈشتىن ئىبارەت ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولغان بولۇش شەرت. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا تولغان، جىنايى جاۋابكارلىقى ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تەبىئىي شەخسنى كۆرسىتىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن بولىدۇ، يەنى ئۆز قىلمىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىدىن ئىبارەت خەۋپلىك ئاقىۋىتىنى پەيدا قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئالدىن بايقاشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، بىپەرۋالىق قىلىپ ئالدىن بايقىماي ياكى ئالدىن بايقىغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ ئىشىنى كېتىپ، باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىدىن ئىبارەت خەۋپلىك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 233 - ماددا سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) 8 - ماددا 2 - تارماق ئاممىۋى قاتناشنى باشقۇرۇش دائىرىسى سىرتىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەپ ياكى باشقا قاتناش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ تالاپەت پەيدا قىلغانلار ياكى جامائەت مال - مۈلكى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 134 -، 135 -، 233 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki