UyghurWiki›422 جىنايەت›رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى
رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - سەۋەنلىك بىلەن رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەسلىھەلىرى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرى ۋە ياكى ۋە باشقا رادىئو - تېلېۋىزىيە، تېلېگراف ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - خەۋەرلىشىش جەھەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى سەۋەنلىك بىلەن رادىئو - تېلېۋىزىيە جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
124 - ماددا 1 - تارماق رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.