UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇپ قويۇش جىنايىتى

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇپ قويۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت قوغداۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى، ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇپ قويۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۇزۇش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 324 - ماددا 3 - تارماق دۆلەت قوغداۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى، ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇپ قويغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇپ قويۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki