UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇنسىز سېتىش، ئاستىرتىن ھەدىيە قىلىش جىنايىتى

ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇنسىز سېتىش، ئاستىرتىن ھەدىيە قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېي، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت قوغداۋاتقان ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئورۇنلاردىن باشقا ئورۇنلارغا ۋە شەخسلەرگە ساتقان ياكى ئاستىرتىن ھەدىيە قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە دەخلى - تەرۇز قىلىپلا قالماستىن، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلارغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغىمۇ دەخلى - تەرۇز قىلىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېي، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت قوغداۋاتقان ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئورۇنلارغا ۋە شەخسلەرگە ساتقان ياكى ئاستىرتىن ھەدىيە قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېي، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار بولىدۇ. دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالمايدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 327 - ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېي، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت قوغداۋاتقان ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئورۇنلاردىن باشقا ئورۇنلارغا ۋە شەخسلەرگە ساتقان ياكى ئاستىرتىن ھەدىيە قىلغان بولسا، شۇ ئورۇنغان جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت