UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتبىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى

بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئېلېكتر سايمانلىرى، بېسىملىق قاچا ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان مەھسۇلات ياكى دۆلەتنىڭ، ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - بازا ئىگىلىكى تەرتىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئېلېكتر سايمانلىرى، بېسىملىق قاچا ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان مەھسۇلات ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ ئىشلەپچىقارغان ياكى ساتقانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 146 - ماددا دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئېلېكتر سايمانلىرى، بېسىملىق قاچا ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان مەھسۇلات ياكى دۆلەتنڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 150 - ماددا ۋە 149 - ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 69 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت