UyghurWiki›422 جىنايەت›باشقىلارنىڭ رۇيخەتكە ئالدۇرغان ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋارنى سېتىش جىنايىتى
باشقىلارنىڭ رۇيخەتكە ئالدۇرغان ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋارنى سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچى قەستەن باشقىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ماركىسىنى ئىشلەتكەن تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىلىپ ساتقان سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ساتقان ھەمدە شەخسلەرنىڭ ساتقان مىقدارى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، ئورۇنلارنىڭ ساتقان مىقدارى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخسلەر ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
214 - ماددا باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ساتقانلاردىن سېتىش سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
220 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 213 - ماددىدىن 219 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدرۇغان ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن، سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار، ئورۇنلاردىن سېتىش سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.