قانۇنسىز كان ئېچىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قېزىلما بايلىقلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كان ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كان ئاچقان، ئېچىشنى توختىتىشقا بويرۇلغاندىن كېيىنمۇ توختاتماي كان ئېچىپ قېزىلما بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ كان قېزىلما بايلىقىنى قوغداشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قېزىلما بايلىقلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز كان ئېچىپ، قېزىلما بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ياكى ئېغىر بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبېيكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
343 - ماددا 1 - تارماق قېزىلما بايلىقلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كان ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كان ئاچقانلارغان، دۆلەت پىلانلىغان كان رايونى، خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممەتكە ئىگە كان رايونى ۋە باشقىلارنىڭ كان رايونى دائىرىسىگە خالىغانچە كىرىپ كان ئاچقانلارغا، دۆلەت قوغداش خاراكېرىدە ئېچىشنى بەلگىلىگەن ئالاھىدە كان تۈرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېچىپ، ئېچىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىنمۇ توختىماي، قېزىلما بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قېزىلما بايلىقلارنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىك 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كان بايلىقلىرى قانۇنى
(1986 - يىل 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى)
39 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كان ئېچىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كان ئاچقان، دۆلەت پىلانىدىكى كان رايونىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەن، خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممەتكە ئىگە كان رايونلىرىدا ۋە باشقىلارنىڭ كان رايونى دائىرىسىدە كان ئاچقانلار، دۆلەت مۇھاپىزەت قىلىش خاراكتېرىدە ئېچىشنى بەلگىلىگەن ئالاھىدە رۇدا خىللىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاچقانلار ئېچىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلاردىن زىيان تۆلىتىۋېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالغان كان مەھسۇلاتلىرى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئېچىشنى توختىتىشتىن باش تارتىپ، كان بايلىقلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسا، بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 156 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
40 - ماددا تەستىقلانغان كان دائىرىسىدىن ھالقىپ كان ئاچقانلار ئۆز كان رايونى دائىرىسىگە بېرىپ كان ئېچىشقا بۇيرۇلىدۇ ۋە ئۇلاردىن زىيان تۆلىتىۋېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ چېگرىدىن ھالقىپ ئاچقان كان مەھسۇلاتلىرى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئۆز كان رايونى ئىچىدە كان ئېچىشقا قايتىشتىن باش تارتقان، كان بايلىقلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارنىڭ كان ئېچىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى يىغىۋېلىنىدۇ، بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 156 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.