جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
176 - ماددا جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1( شەخسلەردىن جامائەتنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلغانلار، ئورۇنلاردىن جامائەتنىڭ بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىغان ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلغانلار؛
2) شەخسلەردىن 30 دىن ئارتۇق ئامانەت قويغۇچىنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلغانلار، ئورۇنلاردىن 150 دىن ئارتۇق ئامانەت قويغۇچىنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلغانلار؛
3( شەخسلەردىن جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئامانەت قويغۇچىلارنى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار، ئورۇنلاردىن جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئامانەت قويغۇچىلارنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار.