UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتزور مال - مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتى

زور مال - مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت خادىملىرىنىڭ مال - مۈلكى ياكى چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن، پەرقى زور بولغان، ئەدلىيە ئورگانلىرى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە بۇيرۇسا ئۆز كىرىمىنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت يەنى دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپە ھەرىكىتىنىڭ پاكلىق تۈزۈمى ۋە جامائەت مال - مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى ئىپادىلىرى: (1) قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ مال - مۈلكى ياكى چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولۇشى، پەرقى بەك زور بولۇشى كېرەك. ئەگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ مال - مۈلكى ياكى چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق پەرقى بەك زور بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ جىنايەتكە توشمايدۇ. (2) ئەدلىيە ئورگانلىرى غايەت زور مال - مۈلۈكنىڭ ھەقىقىي كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلىيالمايدىغان بولۇشى كېرەك. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەت خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 395 - ماددا 1 - تارماق مال - مۈلكى ياكى چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، پەرق بەك زور بولغان دۆلەت خادىملىرى كىرىم مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈشكە بۇيرۇلسا بولىدۇ، ئۆز كىرىمىنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەنلەرنىڭ ئارتۇق كىرىمى قانۇنسىز تاپاۋەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئۇلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، مال - مۈلكىنىڭ ئارتۇق قىسمى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) زور مال - مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مال - مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى نامەلۇم بولغانلارغا دېلو ئېچىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت