قاماقتىكىلەرنى ئاستىرتتىن قويۇپ بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز ھالدا قاماقتىك جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ياكى جىنايەتچىنى ئاستىرتتىن قويۇپ بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ياكى جىنايەتچىلەرنى ئاستىرتتىن قويۇپ بېرىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئەدلىيە خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
400 - ماددا 1 - تارماق ئەدلىيە خادىملىرىدىن قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ياكى جىنايەتچىنى ئاستىرتتىن قويۇپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىش ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
1) قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قويۇۋەتكەن ياكى باشقىلارنى قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچىنى قويۇۋېتىشكە بېشارەت بەرگەن، كۈشكۈرتكەن، مەجبۇرلىغان بولسا؛
2) ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلەرنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ، قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچىنى قاچۇرۋەتكەن بولسا؛
3) قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ، شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە ياردەملەشكەن بولسا؛
4) قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، جىنايەتچىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قويۇۋەتكەن باشقا قىلمىشى بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنى ئاستىرتتىن قويۇپ بەرگەن بولسا؛
(2) 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلك قاماق جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى بار ئادەمنى ياكى قالدۇق جازاسى بەش يىلدىن ئارتۇق بولغان ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنى ئاستىرتتىن قويۇپ بەرگەن بولسا؛
(3) قاماقتىكى ئادەم ئاستىرتتىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) بەشتىن ئارتۇق ئادەمنى ئاستىرتتىن قويۇپ بەرگەن بولسا؛
(2) مۇددەتسىز قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بار ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنى ئاستىرتتىن قويۇپ بەرگەن بولسا؛
(3) قاماقتىكى ئادەم ئاستىرتتىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا.