شىركەت، ئاكسىيە باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىدىكى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شىركەت قۇرۇش، تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى ياكى پاي چېكى، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ ياكى تىزىملاپ، جامائەت مال - مۈلكىنى، دۆلەت، خەلق مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - شىركەت قۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تىزىملاش ئورگانلىرى ۋە پاي چېكى، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شىركەت قۇرۇش، تىزىملىتىش ئىلتىماسنى ياكى پاي چېكى، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ ياكى تىزىملاپ، جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
403 - ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىدىكى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شىركەت قۇرۇش، تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى ياكى پاي چېكى، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ ياكى تىزىملاپ، جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار تىزىملاش ئورگىنىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلىغان بولسا، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
1) سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شىركەت قۇرۇش، تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى قانۇنغا خىلاپ تەستىقلاپ، تىزىملاپ، بازار تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان بولسا؛
2) پۇل مۇئامىلە، ئاكسىيە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پاي چېكى، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەستىقلاپ، جامائەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقان ياكى پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان بولسا؛
3) سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، پۇل مۇئامىلە، ئاكسىيە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شىركەت قۇرۇش، تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى ياكى پاي چېكى، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى قانۇنغا خىلاپ تەستىقلاپ ياكى تىزىملاپ جىنايى قىلمىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا؛
4) يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار تىزىملاش ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شىركەت قۇرۇش، تىزىملىتىش ئىلتىماسى ياكى پاي چېكى، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش ياكى تىزىملاشقا زورلاپ، جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ياكى خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
5) جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان باشقا ئەھۋاللار بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛
(2) قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەستىقلاش ياكى تىزىملاش تۈپەيلىدىن، جىنايى ئىشلار جىنايىتى سادىر قىلغان بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛
(2) قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەستىقلاش ياكى تىزىملاش تۈپەيلىدىن، چوڭ جىنايى ئىشلار جىنايىتى سادىر بولغان بولسا