UyghurWiki›422 جىنايەت›ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش جىنايىتى
ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - گېزىت - ژۇرنال، كىتاب قاتارلىق ھەر خىل نەشر بۇيۇملىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنى بېسىپ چىقارغان، قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت بولىدۇ، ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شان - شەرىپى ۋە مىللىي غۇرۇرىنىڭ دەخلىسىزلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەشر بۇيۇملىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنى بېسىپ چىقارغان، قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى نەشر بۇيۇملىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ بىۋاستە مەسئۇل بولغۇچى خادىمى بولىدۇ، بۇ ئاساسلىقى يازغۇچى، مەسئۇل مۇھەررىر ھەمدە نەشر قىلىشنى تەستىقلىغۇچىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
250 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمستىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنى بېسىپ چىقارغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى)
7 - ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى نەشر قىلغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 250 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.