UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتسەۋەنلىك بىلەن ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ قويۇش جىنايىتى

سەۋەنلىك بىلەن ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ قويۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - سەۋەنلىك بىلەن باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ قويغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى ۋە جىسمانىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە زەخىملەندۈرۈش قىلمىشى سادىر قىلغان بولۇش ھەدمە باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىدىن ئىبارەت ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى شەرت. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت، يەنى يېشى 16 گە توشقان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تەبىئىي شەخسلەر. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئۆز قىلمىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىدىن ئىبارەت زىيانلىق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئالدىن بايقاشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، بىپەرۋالىق قىلىپ ئالدىن بايقىماي ياكى ئالدىن بايقىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ ئىشىنىپ باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىدىن ئىبارەت ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغان بولىدۇ، قىسقىسى، سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 235 - ماددا باشقىلارنى سەۋەنلىك بىلەن يارىلاندۇرۇپ، ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ قويغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 95 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېغىر زەخىملەندۈرۈش تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەن زەخىملەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ: (1) ئادەمنىڭ پۇت - قوللىرىنى مېيىپ قىلىش ياكى چىراي - شەكلىنى بۇزۇۋېتىش؛ (2) ئادەمنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش ئەزالىرى ياكى باشقا ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىۋېتىش؛ (3) ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا زەخىملەر. مەزكۇر كىتابنىڭ 207 - بېتىدىن 230 - بېتىگىچە بولغان مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
سەۋەنلىك بىلەن ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ قويۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki