باسقۇنچىلىق جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ياكى يېشى 14 كە تولمىغان قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئاياللار، قىزلار ۋە نارەسىدە قىزلارنىڭ جىنسىي دەخلىسىزلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەجبۇرىي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ياكى نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، يېشى 14 كە توشقان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە ئوغۇللار بولىدۇ، ئاياللار مۇستەقىل بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرمەيدۇ، ئورتاق ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە، ئاياللار باسقۇنچىلىق جىنايىتىنىڭ كۈشكۈرتىشى جىنايەتچىسى ياكى ياردەمچى جىنايەتچىسى بولسا، ئورتاق جىنايەتنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىك بولغان، ھەمدە زورلۇق بىلەن پاھىشىۋازلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
236 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغانلار قاتارىدا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغان، نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالىنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىش قىلمىشلىرى قەبىھ بولغانلار؛
(2) كۆپ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە كۆپ نارەسىدە قىزنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەر؛
(3) جامائەت سورۇنلىرىدا ئاياللارغا ئوچۇق - ئاشكارا باسقۇنچىلىق قىلغانلار؛
(4) ئىككىدىن ئارتۇق كىشى نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغانلار؛
(5) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلار.
259 - ماددا رەسمىي ھەربىينىڭ جۆرىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيگە كىرىۋالغان ياكى توي قىلىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
خىزمەت ھوقۇقىدىن، بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، رەسمىي ھەربىينىڭ خوتۇنىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 623 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
241 - ماددا ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللارنى سېتىۋېلىپ، زورلۇق ئىشلىتىپ ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 236 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
300 - ماددا 3 - تارماق خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئويۇشتۇرۇپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ ئاياللارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن، پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 236 -، 266 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان جىنايەت دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇنلارنى كونكرېت تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1999 - يىل 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى)
5 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، خۇراپى سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇش، تەھدىت سېلىش، ئالداش ياكى باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئاياللار، نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 236 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، باسقۇنچىلىق جىنايىتى ياكى نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باسقۇنچىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتىكى ئالاقىدار مەسىلىەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى)
باسقۇنچىلىق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، باسقۇنچىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز؛
14 ياشقا توشقان، 16 ياشقان توشمىغانلاردىن نارەسىدە قىزلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 17 - ماددىسى، 236 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باسقۇنچىلىق جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ؛ نارەسىدە قىزلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر قىلمىشى يېنىك بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان بولسا، جىنايەت دەپ قارالمايدۇ.
قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھەم ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغان، ھەم نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 236 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن باسقۇنچىلىق جىنايىتى بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ <نۆۋەتتە باسقۇنچىلىق دېلولىرىنى بېجىرىش داۋامىدا، قانۇننى كونكرېت تەتبىق قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلىگە بەرگەن جاۋابى>
(1984 - يىل 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى)
(84) س ت 7 - نومۇرلۇق
بىرىنچى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
باسقۇنچىلىق جىنايىتى دەپ، زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسىنى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇلار بىلەن زورمۇزور جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئېيتىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ روھىي كېسەل ياكى گۆمۈش (ئېغىر دەرىجىدە) ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەەنلەر، مەيلى قايسى ۋاستە قوللانسۇن، باسقۇنچىلىق قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئارىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان روھىي كېسەللەر بىلەن كېسىلى قوزغالمىغان چاغدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، ئايال ئۆزى قوشۇلغان بولسا، بۇ جىنايەت بولۇپ شەكىللەنمەيدۇ.
ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغان - قىلمىغانلىقىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالنىڭ ئىستىلىنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا قاراپ بېكىتىشكە بولمايدۇ. ئىستىلى يامان ئاياللار بىلەن زورمۇزور جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزشمۇ باسقۇنچىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتىلىدۇ.
باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى بېكىتىشتە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالنىڭ قارشىلىق قىلغان - قىلمىغانلىقىنى زۆرۈر شەرت قىلىشقا بولمايدۇ. ئاياللار قارشىلىق قىلمىغان ياكى قارشىلىق ئېنىق بولمىغان بولسا، كونكرېت تەھلىل قىلىش، ئوبدارن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى، باسقۇنچىلىق جىنايىتىدە زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر قانداق بېكىتىلىدۇ؟
<زورلۇق ۋاسىتىسى> دەپ، جىنايەت سادىر قىلغۇچى ئايالنى ئۇرۇپ، باغلاپ، ئۇنىڭ كىكىرتىكىنى سىقىپ، جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ياكى ئەركىنلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئايالنى قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىپ قويۇشقا ئېيتىلىدۇ.
<تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى> دەپ، جىنايەت سادىر قىلغۇغچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالغا تەھدىت سېلىپ، پوپوزا قىلىپ، ئۇنى روھىي جەھەتتىن قىستاشقا، مەسىلەن، ئۆلتۈرىمەن، ئايرۇيىڭنى تۆكۈمەن، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭغا زىيانكەشلىك قىلىمەن دەپ تەھدىت سېلىپ، فېئودال - خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ پوپوزا قىلىپ، ئالداپ، بېقىپ تەربىيىلەش مۇناسىۋىتىدىن، بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدىن، خىزمەت ھوقۇقىدىن ۋە يار - يۆلەنچۈكى بولماسلىقتەك شەرت - شارائىتتىن پايدىلىنىپ قورقىتىپ، زىيانكەشلىك قىلىپ، ئايالنى ئامالسىزلىقتا ئار - نومۇسقا چىداپ بويسۇندۇرغۇزۇپ، قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىپ قويۇشقا ئيېتىلىدۇ.
بېقىپ تەربىيىلەش مۇناسىۋىتىدىن، بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدىن ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى باسقۇنچىلىق دەپ قاراشقا بولمايدۇ، قىلمىش ئۆتكۈزەۈچى ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايال بىلەن بولغان پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا، مەسىلەن، باققان دادىسى (ئۆز دادىسى) خورلاپ، تۇرمۇش خىراجىتىنى قىسىپ قېلىپ، باققان قىزى (ئۆز قىزى) نى ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىشكە يول قويغۇزغان بولسا ياكى قىلمىش ئۆتكۈزگۈچى خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئاياللارنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەن بولسا، باسقۇنچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قىلمىش ئۆتكۈزگۈچى خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئايالنى ئازدۇرغان، ئايال تەرەپمۇ ئۆزئارا پايدىلىنىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، باسقۇنچىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتىلمەيدۇ. ئىزچىل تۈردە خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ ئاياللارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن، قىلمىشى قەبىھ بولغان بولسا لۈكچەكلىك جىنايىتى بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىنسا بولىدۇ.
<باشقا ۋاسىتىلەر> دەپ، جىنايەت سادىر قىلغۇچى زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىشتىن باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالنى قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىپ قويۇشقا، مەسىلەن، ئايال ئېغىر كېسەل بولغان، قاتتىق ئۇخلاۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ نۇمۇسىغا تېگىشكە ياكى مەس قىلىپ قويۇش، دورا بىلەن ھوشسىزلاندۇرۇش ۋە كېسەلنى داۋالاش ياكى داۋالىغان بولۇۋېلىشتەك ئۇسۇللار بىلەن ئاياللارنىڭ نومۇسىغا تېگىشكە ئېيتىلىدۇ.
ئۈچىنچى، باسقۇنچىلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە، قايسىلىرىدا جىنايەت ياكى جىنايەت ئەمەسلىكىنىڭ، ئۇ جىنايەت بىلەن بۇ جىنايەتنىڭ چەك - چېگراسى قانداق ئايرىلىدۇ؟
1. باسقۇنچىلىق بىلەن توي قىلمىغان ئوغۇل - قىزلارنىڭ مۇھەببەت باغلاش داۋامىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. توي قىلمىغان بەزى ئەرلەر <مۇھەببەت باغلاش> نامى بىلەن، قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ، توي قىلمىغان نۇرغۇن قىزنىڭ نومۇسىغا تەگكەن، قىلمىشى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان بولسا، ئۇلار لۈكچەكلىك جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.
2. باسقۇنچىلىق بىلەن پاھىشەنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى.
(1) بەزى ئاياللار باشقىلار بىلەن پاھىشە ئۆتكۈزۈپ، بىر - بىرىدىن يۈز ئۆرىگەن، مۇناسىۋەىتى يامانلاشقاندىن كېيىن ياكى بۇ ئىشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ ياكى مەسئۇلىيەتنى، ئۆز گۇناھىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ، پاھىشىنى باسقۇنچىلىق دەپ تۇرۇۋالسا، ئۇنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ.
دېلو بېجىرىش جەريانىدا، ناز قىلىش مەسىلىسىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئادەتتىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، جىنسىي مۇناسىۋەتنى قانداق شارائىت ۋە ئەھۋال ئاستىدا ئۆتكۈزگەنلىكى، بۇ ئىشتىن كېيىن ئايال تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، يەنە كېلىپ قانداق ئەھۋا ئاستىدا پاش قىلغانلىقى قاتارلىق پاكىت ۋە ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ھەقىقەتەن ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلمىغان بولسا، ئادەتتە باسقۇنچىلىق جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلمىغان مۇۋاپىق. ھەقىقەتەن ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان بولسا، باسقۇنچىلىق جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
(2) تۇنجى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ئايالنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان بولسىمۇ، پاش قىلمىغان، كېيىن ئايال تەرەپ يەنە كۆپ قېتىم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئادەتتە باسقۇنچىلىق جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلمىغان مۇۋاپىق.
(3) جىنايەت گۇماندارى باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالغا روھىي جەھەتتىن تەھدىت سېلىپ، ئۇنى نومۇسقا چىداپ، داۋاملىق بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغان بولسا، باسقۇنچىلىق جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش لازىم.
(4) ئەر - ئايلا ئىككى تەرەپ دەسلەپتە پاھىشە ئۆتكۈزۈپ، كېيىن ئايال داۋاملىق پاھىشە ئۆتكۈزۈشنى خالىمىغاندا، ئەر كۆزىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان ھەمدە زورلۇق ئىشلىتىمەن ياكى ئابرۇيىڭنى تۆكىمەن دەپ تەھدىت سېلىپ، ئايال بىلەن مەجبۇرىي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، باسقۇنچىلىق جىنايىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش لازىم.
3. نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەر - ئايال لۈكچەكلەرنىڭ پاھىشىۋازلىق قىلىشىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. بەزى لۈكچەكلەر گۇرۇھى دېلو سادىر قىلغاندا، ئەر - ئايال لۈكچەكلەر پاھىشىۋازلىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە قىزلارنى مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىپ، باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا، كېيىنكىسىنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتىش لازىم.
4. باسقۇنچىلىق مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقنى لۈكچەكلىك قىلمىشى ۋە لۈكچەكلىك جىنايىتىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچى، دېلو بېجىرىش جەريانىدا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 139 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە قانداق تەتبىق قىلىنىدۇ؟
ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، باسقۇنچىلىق جىنايىتىدىن <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> بولغانلىرى ئادەتتە مۇنۇلار:
1. ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىش ۋاسىتىسى قەبىھ بولغانلار؛
2. نۇرغۇن ئايالغا نۇرغۇن قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغانلار ياكى نۇرغۇن نارەسىدە قىزنىڭ نومۇسىغا نۇرغۇن قېتىم تەگكەنلەر؛
3. ئاياللارغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان، بولۇپمۇ نارەسىدە قىزلارغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان باش جىنايەتچىلەر؛
4. ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ياكى نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا، ئەس - ھوشى جايىدا بولماسلىقىغا ھەمدە باشقا ئېغىر - ئاقىۋەتلەرنى كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلار؛
5. جامائەت سورۇنىدا ئاياللارنى مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭغانلار ھەمدە ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلار؛
6. كۆپ قېتىم شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان نەرسە - كېرەكلەردىن پايدىلىنىپ ۋە قاراڭغۇ تانسىسسى ئويناپ، قىزلارنى ئازدۇرۇپ باسقۇنچىلىق قىلغان، جەمئىيەتتە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغان، زىيىنى ئىنتايىن زور بولغانلار؛
باسقۇنچىلىق قىلىپ <باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرگەن ۋە ئۆلتۈرگەنلەر> دەپ ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ياكى نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى ئېغىر زەخىملەندۈرگەنلەر ياكى باشقا ئېغىر زەخىملىنىشنى پەيدا قىلغانلار ھەتتا نەق مەيداندىلا ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ياكى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغانلارغا ئېيتىلىدۇ.
باسقۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلەر ئۆچ ئېلىش، جىنايەت ئىزىنى يوقىتىشتەك مۇددىئالار بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىش جەريانىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايال ۋە نارەسىدە قىزنى ئۆلتۈرگەن ياكى زەخىملەندۈرگەن بولسا، باسقۇنچىلىق جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ جىنايىتى ياكى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى دەپ بېكىتىپ، بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش پرىنسىپى بويىچە جازالاش كېرەك.
بەشىنچى، دېلو بېجىرىش جەريانىدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 139 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە قانداق تەتبىق قىلىنىدۇ؟
نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش باسقۇنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئېغىر شەكلى بولۇپ، بۇنداقلارنى ئېغىر جازالاش لازىم.
ئاياللارغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغانلارغا، 1 - تارماقتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەر ياكى ئاياللارغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغانلاردىن 3 - تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلىرى بولغانلارغا، 3 - تارماقتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالتىنچى، نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىش جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىش جىنايىتى دەپ، 14 - ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشىغا ئېيتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: 1) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇغچى نارەسىدە قىز 14 ياشقا توشمىغان بولۇشى شەرت؛ 2) ئومۇمەن قىلمىش ئۆتكۈزگۈچى قانداق ۋاسىتىنى قوللانغان بولسۇن، مەيلى نارەسىدە قىز قوشۇلسۇن - قۇشۇلمىسۇن، نارەسىدە قىز بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلار بولسا جىنايەت شەكىللىنىدۇ؛ 3) ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي ئازاسى بىر - بىرىگە تەگكەنلا بولسا، ئىپپەت - نومۇسىغا تەگدى دەپ قارىلىدۇ.
نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەرگە، 1 - تارماقتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ؛ 3 - تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلىرى بولغانلارغا، مەزكۇر تارماقتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
14 ياشتىن يۇقىرى، 16 ياشقا توشمىغان ئوغۇل بالىلار 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، قىلمىشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېنىك بولسا، زىيىنى ئانچە زور بولمىسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 10 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىش جىنايىتى دەپ ھېسابلانماي، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە مەكتەپنىڭ قاتتىق باشقۇرۇپ، تەربىيە بېرىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تېگىش دېلولىرىنى بېجىرىشتە، كۆرۈلگەن پەۋقۇلئاددە مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىش ھەمدە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
يەتتىنچى، ئاياللاردىن ئەرلەرنى باسقۇنچىلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ياكى ئەرلەرنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ياردەملەشكەنلەرگە قانداق جازا بېرىلىدۇ؟
ئاياللار ئەرلەنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەن ياكى ئەرلەرنىڭ باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەملەشكە بولسا، بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار باسقۇنچىلىق جىنايى ھەرىكىتى ۋاقتىدا، ئوينىغان رولىغا قاراپ كۈشكۈرتكۈچى جىنايەتچى ياكى ئەگەشكۈچى جىنايەتچى دەپ بېكىتىلىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا بىنائەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.