UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتكرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى جىنايىتى

كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىش، بىكار قىلىنغان كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىش، كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - باشقىلارنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە دۆلەتنىڭ پۇل - مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە كرېدىت گۇۋاھنامىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل قىلمىشنىڭ كونكرېت شەكىللىرى مۇنداق: ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ، مال - مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى؛ ئىككىنچى، بىكار قىلىنغان كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىش قىلمىشى؛ ئۈچىنچى، كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى؛ تۆتىنچى، باشقا ئۇسۇللار بىلەن كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 195 - ماددا تۆۋەندىك ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككەسېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: (1) ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىش؛ (2) بىكار قىلىنغان كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىش؛ (3) كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ (4) باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى قىلىش. 199 - ماددا، 200 - ماددا ۋە 287 - ماددىلارنىڭ مەزمونلىرىنى مەزكۇر كىتابنىڭ 144 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىش؛ 2) بىكار قىلىنغان كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىش؛ 3) كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ 4) باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىق قىلىش.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki