كۆز بويامچىلىق جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - مەلۇم قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئۇنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى ئالدامچىلىق قىلىپ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
279 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
خەلق ساقچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.