UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى

قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنى قەستەنلىك بىلەن ھاياتىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - باشقىلارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنى قانۇنسىز ھالدا ھاياتىدىن مەھۇرم قىلىش قىلمىشى بولۇشى شەرت. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولۇپ، 41 ياشقا توشقان، ئۆز ھەرىكىتىنى پەرق ئېتىش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تەبىئىي شەخس بولىدۇ. 4. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 232 - ماددا قەستەن قاتىللىق قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 238 - ماددا باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش، ھاقارەتلەش قىلمىشى بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. زورلۇق ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. قەرزىنى قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى قانۇنسىز تۇتۇۋالغان ۋە سولاپ قويغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 292 - ماددا توپلىشى ئۇرۇشقانلاردىن باش ئۇنسۇرلاغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ: (1) كۆپ قېتىم توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار؛ (2) توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار سانى كۆپ، كۆلىمى چوڭ، جەمئىيەتتە تەسىرى يامان بولغانلار؛ (3) جامائەت سورۇنلىرىدا ياكى مۇھىم قاتناش يوللىرىدا توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ (4) تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار. توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 247 - ماددا ئەدلىيە خادىملىرىدىن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى قىيناپ سوراق قىلىپ ئىقرار قىلدۇرغانلىرى ياكى زورلۇق ئىشلىتىپ گۇۋاھچىلاردىن گۇۋاھلىق ئالغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 248 - ماددا تۈرمە، توختىتىپ قويۇش ئورنى ۋە قاماقخانا قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئورغان ياكى تەن جازاسى بېرىپ خوررلىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملاردىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى باشقا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئۇرۇپ ياكى تەن جازاسى بېرىپ خورلاشقا كۈشكۈرتلەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 289 - ماددا توپلىشىپ <ئورۇش، چېقىش، بۇلاش> بىلەن شۇغۇللىنىپ ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234 -، 232 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنى ۋەيران قىلغان ياكى بولىغانلىرى قايتۇرۇش، تۆلەشكە بۇيرۇلغاندىن سىرت، باش ئۇنسۇرلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان جىنايەت دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇنلارنى كونكرېت تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1999 - يىل 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى) 4 - ماددا بىدئەتچى تەشكىلاتنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ، خۇراپى سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارقىتىپ، ئەزالىرى ياكى باشقا كىشىلەرنى ئۆلۈۋېلىشقا، ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈشكە مەجبۇرلىغان، تەھدىت سالغان بولسا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 232 -، 234 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، قەستەن قاتىللىق جىنايىتى ياكى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىدئەتچىلىك تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت دېلولىرىغا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2) (2001 - يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) 9 - ماددا بىدئەتچىلىك تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى، مېيىپ قىلىۋېلىشىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، قۇتراتقان، كۈشكۈرتكەن، ياردەم بەرگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 232 - ماددىسى، 234 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) 6 - ماددا قىلمىش سادىر قىلغۇچىلاردىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغاندىن كېيىن، قانۇننىڭ سۈرۈشتۈرۈشىدىن باش تارتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ھادىسە مەيدانىدىن ئېلىپ كېتىپ يوشۇرۇپ قويۇپ ياكى تاشلىۋېتىپ، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كېتىشى ياكى ئېغىر مېيىپ بولۇشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 232 - ماددىسى، 423 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ياكى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت