UyghurWiki›422 جىنايەت›مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداپ ئاكسىيە، زاكاز مال توختىمىنى ئېلىپ - ساتقۇزۇش جىنايىتى
مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداپ ئاكسىيە، زاكاز مال توختىمىنى ئېلىپ - ساتقۇزۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئاكسىيە بىرژىسى (ئاكسىيە سودا بازىرى) ۋە ئاكسىيە شىركىتىدىكى كەسپىكارلاردىن ئاكسىيىچىلىك جەمئىيىتى ياكى ئاكسىيە باشقۇرۇش تارمىقىدىكى خادىملاردىن قەستەن يالغان ئۇچۇر بېرىپ ياكى سودا خاتىرىسىنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ ياساپ، كۆيدۈرۈۋېتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداپ ئاكسىيە ئېلىپ - ساتقۇزۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئاكسىيە، زاكاز مال سودا بازىرىنىڭ نورمال تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، قەستەن يالغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن، ئىككىنچى، سودا خاتىرىسىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ياكى يوقىتىۋەتكەن؛ ئۈچىنچى، باشقىلارنى ئالداپ ئاكسىيە، زاكاز مال ئالغۇزۇپ - ساتقۇزۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى ئاكسىيە بازىرى بولىدۇ. زاكاز مال بازىرى، ئاكسىيە شىركىتى ياكى زاكاز مال ۋاكالەت شىركىتدىكى كەسىپدارلار، ئاكسىيىچىلىك جەمئىيىتى ياكى زاكاز مال جەمئىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تارمىقىدىكى خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
181 - ماددا ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقىتىپ، ئاكسىيە ۋە زاكارز مال سودا بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچى شىركىتىدىكى كەسپىكارلاردىن ئاكسىيىچىلىك جەمئىيىتى، زاكاز مال جەمئىيىتى ياكى ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن قەستەن يالغان ئۇچۇر بېرىپ ياكى سودا خاتىرىسىنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ ياساپ، كۆيدۈرۈۋېتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداپ ئاكسىيە، زاكاز مال توختامىنى ئېلىپ ساتقۇزۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال سودا بىرژىسى ۋە ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچىلىك شىركتىدىكى كەسپىكارلاردىن، ئاكسىيىچىلىك جەمئىيىتى، زاكاز مال جەمئىيىتى ياكى ئاكسىيە، زاكاز مال باشقۇرۇش تارمىقىدىكى خادىملاردىن قەستەن يالغان ئۇچۇر بېرىپ ياكى سودا خاتىرىسىنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ ياساپ، كۆيدۈرۈۋېتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداپ ئاكسىيە ئېلىپ ساتقۇزۇپ، زاكاز مال توختامى ئىمزالىتىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) مەبلەغ سالغۇچىلارنى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
2) سودا باھاسى ۋە سودا مىقدارىنىڭ بەك بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
3) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.