UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى

دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ۋە ئېلىپ - سېتىش قىلمىشىغا قارىتىلغان. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى ۋە ئىناۋىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ۋە ئېلىپ - سېتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 280 - ماددا 1 - تارماق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغانلار، ئۆزگەرتىۋالغانلار، ئېلىپ - ساتقانلارغا ياكى ئوغرىلىغانلار، تارتىۋالغانلار، يوق قىلىۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، دۆلەتلىك سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئوغرىلانغان، بۇلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (1998 - يىل 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى) 7. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ۋە نوپۇسقا ئالغۇزۇش، نوپۇسنى يۆتكەش، تەكشۈرتۈشكە ئائىت ئىسپات - ھۆججەتلەرنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەن، سېتىۋەتكەن، ئېلىپ - ساتقانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 280 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش قانۇنى (1989 - يىل 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى) 27 - ماددا تاۋار تەكشۈرۈش تالونى، تامغىسى، بەلگىسى، پېچىتى، سۈپەت دەلىللەش بەلگىسىنى يالغاندىن ياساپ، ئۆزگەرتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەردىن، بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 167 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرى جەرىمانە قويىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 13 - ماددا ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسى، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى توشۇش گۇۋاھنامىسى، ئورمان، ياغاچ ماتېرىياللىرى، ئورمان ھوقۇقى ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسى، ئورمان يېرىنى ئىشلىتىش ياكى ئېلىپ ئىشلىتىشنى تەستىقلاش ماقۇللۇقنامىسى، كۆچەت يېتىشتۈرۈش فوندى قاتارلىق ھەق ئېلىش ھۆججەتلىرى، شۇنداقلا دۆلەت ئورگانلىرى تەستىقلىغان باشقا ئورمانچىلىق كەسپىي گۇۋاھنامىسىنى ياساپ ئۆزگەرتىپ ياساپ، سېتىپ - سېتىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 280 - ماددىسى 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىنى سېتىش - سېتىۋېلىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەم جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 225 - ماددىسى، 280 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە، بىرقەدەر ئېغىر جازا بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانى ئىسپاتىنى يالغاندىن ياساش، ئېلىپ - سېتىش جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشتە قانۇننى قانداق تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2001 - يىل 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1811 - يىغىنى، 2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 9 - نۆۋەتلىك تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 91 - يىغىنىدا ماقۇللاندى) س ئى
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت