UyghurWiki›422 جىنايەت›قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلارنى كۆز بوياپ كېسىش جىنايىتى
قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى، ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تالونلارنى كۆز بوياپ كېسىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ تالونلارنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كەسكەن ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان باشقا تالونلارنى كەسكەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تالونلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ تالونلارنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كەسكەن ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان باشقا تالونلارنى كۆز بوياپ كەسكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
205 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كەسكەنلەرگە ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان باشقا تالونلارنى كۆز بوياپ كەسكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ دۆلەتنىڭ باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولۇپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تالونلارنى كۆز بوياپ كېسىش - باشقىلار ئۈچۈن كۆز بوياپ كېسىش، ئۆزى ئۈچۈن كۆز بوياپ كېسىش، ئۆزى ئۈچۈن كۆز بوياپ كەستۈرۈش، باشقىلارغا كۆز بوياپ كېسىشنى تونۇشتۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ بىرەرسىنى سادىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
212 - ماددىنى مەزكۇر كىتابنىڭ 159 - بېتىدىن كۆرۈڭ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كەسكەنلەر ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تالونلارنى كۆز بوياپ كەسكەنلەردىن سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلىرى ياكى دۆلەتنىڭ 5000 يۈەندىن ئارتۇق باج پۇلىنىڭ ئالداپ كېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.