دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە چىقىدىغانلارنى توشۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە چىقىدىغانلارنى قانۇنسىز ھالدا ئاپتوموبىل، كېمە قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە چىقىرىپ قويۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ چېگرادىن چىقىش - كىرىشنى نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى چېگرادىن ئوغرىلىقچە چىقىدىغانلارنى قانۇنسىز توشىغان قىلمىشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبېيكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
321 - ماددا دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە چىقىدىغانلارنى توشىغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
(1) كۆپ قېتىم توشۇغانلار ياكى كۆپ ئادەمنى توشۇغانلار؛
(2) زۆرۈر بىخەتەرلىك شارائىتى ھازىرلانمىغان، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغان كېمە - پاراخوت، ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش ۋاسىتلىرىنى ئىشلەتكەنلەر؛
(3) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار؛
(4) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلار.
دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە چىقىدىغانلارنى توشۇش جەريانىدا توشۇلغۇچىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى تەكشۈرۈشكە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن توشۇلغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا ياكى تەكشۈرگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت چېگراسى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
(2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى)
1. دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى
5) باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈپ قويۇش دېلوسى
(1) باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈپ قويغانلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش كېرەك.
(2) باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈپ قويغانلاردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر ئۈستىدە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك:
① بىر قېتىمدا 20 - 49 ئادەمنى دۆلەت چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا؛
② باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن 3 - 4 قېتىم ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا؛
③ ئاددىي، كونا، كېرەكسىز، ھاۋا ئالمىشىش ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولغان كېمە ياكى قاتناش ۋاسىتىسى قاتارلىق تېگىشلىك بىخەتەرلىك شەرت - شارائىتى بولمىغان قاتناش قورالى ئارقىلىق باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا؛
④ قانۇنسىز تاپاۋەت 50 - 200 مىڭ يۈەن بولسا؛
⑤ ئۆتكۈزۈپ قويۇلغۇچىلاردىن بىر - ئىككىسىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
⑥ تەكشۈرۈشكە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسا؛
⑦ باشقا ئېغىر قىلمىش بولسا.
(3) باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈپ قويغۇچىلاردىن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر ئۈستىدە پەۋقۇلئاددە زور دېلو قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك:
① بىر قېتىمدا 50 دىن ئارتۇق ئادەمنى دۆلەت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا؛
② باشقىلارنى دۆلەت چېگراسىدىن بەش قېتىمدىن ئارتۇق ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا؛
③ ئۆتكۈزۈپ قويۇلغۇچىلاردىن ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشى ياكى بىردىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
④ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت 200 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسا؛
⑤ باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىش بولسا.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2002 - يىل 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يولغا قويغان باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغرۇلۇقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغان، توشۇغان قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قارىتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئالاقىدار ئىزاھاتنىڭ 2 - ماددىسىدىن پايدىلىنىڭ.