UyghurWiki›422 جىنايەت›يالغان، ناچار دېھقانچىلىق دورىسى، يالغان، ناچار مال دوختۇرلۇق دورىسى، يالغان، ناچار خىمىيىۋى ئوغۇت، يالغان، ناچار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
يالغان، ناچار دېھقانچىلىق دورىسى، يالغان، ناچار مال دوختۇرلۇق دورىسى، يالغان، ناچار خىمىيىۋى ئوغۇت، يالغان، ناچار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - يالغان دېھقانچىلىق دورىسى، يالغان مال دوختۇرلۇق دورىسى، يالغان خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقارغان، يالغان ياكى كۈچىدىن قالغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت، ناچار ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقان ياكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە ئۇرۇقنى ئۆلچەمگە توشىدىغان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى بىر قەدەر ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يالغان دېھقانچىلىق دورىسى، يالغان مال دوختۇرلۇق دورىسى ۋە يالغان خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقارغان، يالغان ياكى كۈچىدىن قالغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت، ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقان ياكى ئىشلەپچىقارغانلار، ساتقۇچىلاردىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە ئۇرۇقنى ئۆلچەمگە توشىدىغان قىلىنىپ كۆرسىتىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئېغىرراق زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
147 - ماددا يالغان دېھقانچىلىق دورىسى، يالغان مال دوختۇرلۇق دورىسى ۋە يالغان خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقارغان، يالغان ياكى كۈچىدىن قالغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت، ناچار ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلار ياكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە ئۇرۇقنى ئۆلچەمگە توشىدىغان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئېغىرراق زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى. ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىشنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
150 - ماددا ۋە 149 - ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 69 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.