ئالدامچىلىق بىلەن پاي چېكى، زايوم تارقىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پاي چېكىگە خېراىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، شىركەت، كارخانىلارنىڭ زايوم توپلاش چارىسىدە مۇھىم پاكىتنى يوشۇرۇپ ياكى يالغان مەزمۇن ئويدۇرۇپ، پاي چېكى ياكى شىركەتن، كارخانا زايومى تارقاتقانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ شىركەت، كارخانىلارنىڭ پاي چېكى، زايوم تارقىتىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانىنىڭ زايومنى تارقىتىشتا ئالدامچىلىق قىلىپ، تارقاتقان سانى زور بولۇپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىش بار بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پەقەت قەستەنلىكتىنلا شەكىللىنىدۇ.
160 - ماددا پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، پاي خېرىدار نامىسىدە، شىركەت، كارخانىلارنىڭ زايوم توپلاش چارىسىدە مۇھىم پاكىتنى يوشۇرۇپ ياكى زور يالغان مەزمون ئويدۇرۇپ، پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومى تارقاتقانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلدۇ، قانۇنسىز توپلىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ 1% ىدىن يۇقىرى، 5% ىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، پاي خېرىدارنامىسىدە، شىركەت، كارخانىلارنىڭ زايوم توپلاش چارىسىدە مۇھىم پاكىتنى يوشۇرۇپ ياكى زور يالغان مەزمۇن ئويدۇرۇپ، پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومى تارقاتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) تارقاتقان سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار؛
2) ھۆكۈمەت ھۆججىتى، ئىناۋەتلىك ئىسپاتلىق ھۆججەت ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىسپات، تالونلارنى ياسىغانلار؛
3)پايچى، ھەقدارلار پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ قايتۇرمىغانلار؛
4) قانۇنسىز توپلىغان مەبلەغدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار؛
5) توپلىغان مەبلەغنى يۆتكىۋەتكەن ياكى يوشۇرغانلار؛
6) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.