UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقاتناش ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

قاتناش ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - رېلىس، كۆۋرۈك، تونېل، تاشيول، ئايرودروم، سۇ يولى، ماياك، بەلگىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ياكى باشقا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، قاتناش ۋاسىتىرلىرىنى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - قاتناش - ترانسىپورت بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان قاتناش ئۈسكۈنىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قاتناش - ترانسىپورت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 117 - ماددا رېلىس، كۆۋرۈك، تونېل، تاشيول، ئايرودروم، سۇ يولى، ماياك، بەلگىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ياكى باشقا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 119 - ماددا 1 - تارماق قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۈنچىلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت