خەۋپلىك ئەھۋالدا دوست - قوشنا قىسىمغا ياردەم بەرمەسلىك جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدا خەۋپلىك ئەھۋالدا قالغان دوست - قوشنا قىسىمنىڭ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ۋە ياردەم بېرەلەيدىغان تۇرۇپ ياردەم بەرمەي، دوست - قوشنا قىسىمنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئارمىيىمىزنىڭ ئۇرۇش قىلىش تۈپ مەنپەئىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جەڭ مەيدانىدا خەۋپلىك ئەھۋالدا قالغان دوست - قوشنا قىسىم يادەم بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ياردەم بېرەلەيدىغان تۇرۇپ ياردەم بەرمەي، دوست - قوشنا قىسىمنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت (ھەربىي قوماندانلىق قىلغۇچىلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
429 - ماددا جەڭ مەيدانىدا خەۋپلىك ئەھۋالدا قالغان دوست - قوشنا قىسىمنىڭ يادەم بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋە ياردەم بېرەلەيدىغان تۇرۇپ ياردەم بەرمەي، دوست - قوشنا قىسىمنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قوماندانلىق قىلغۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.