UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتھارام مالنى يوشۇرۇش، يۆتكىۋېتىش، سېتىۋېلىش ۋە سېتىپ بېرىش جىنايىتى

ھارام مالنى يوشۇرۇش، يۆتكىۋېتىش، سېتىۋېلىش ۋە سېتىپ بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان، سېتىپ بەرگەن قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان ۋە سېتىپ بەرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشقان، جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ھەرقانداق ئادەم بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 312 - ماددا جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئېرىشكەن ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان ياكى سېتىپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت