UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمەبلەغنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى

مەبلەغنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - مەبلەغنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى دېگىنىمىز، شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالغان، باشقىلارغا قەرز بەرگەن ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغۇچى يۆتكىگەن مەبلەغنى ئۆزىنىڭ نامى بىلەن شەخسلەر ياكى ئورۇنلارغا قەرز بەرگەن، مىقدارى كۆپرەك بولغان، ئۈچ ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ قايتۇرمىغان ياكى ئۈچ ئايدىن ئاشمىغان بولسىمۇ مىقدارى كۆپرەك بولغان، پايدا تېپىش ھەرىكىتى ياكى قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ مەبلەغنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلەتكەن، باشقىلارغا قەرز بەرگەن مىقدارى كۆپرەك بولغان، ئۈچ ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن ياكى گەرچە ئۈچ ئاي توشمىغان بولسىمۇ، لېكىن مىقدارى كۆپرەك بولغان، پايدا تېپىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ياكى قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ خىزمەت خادىملىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى ئۆز ئورنىنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. 272 - ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالغان ياكى باشقىلارغا قەرز بەرگەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان، ئۈچ ئايدىن ئاشقىچە قايتۇرمىغانلىرىغا ياكى ئۈچ ئايدىن ئاشمىغان بولسىمۇ، مىقدارى كۆپرەك بولغان، پايدا تېپىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ياكى قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئۆز ئورنىنىڭ ناھايىتى كۆپ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغانلار ياكى كۆپرەك مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دۆلەت شىركەت، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىەلن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلىشنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 384 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 185 - ماددا 1 - تارماق سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، قەرەللىك مال سودا ئورنى، ئاكسىيە شىركىتى، قەرەللىك مال ۋاسىتە شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنىڭ ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 272 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى (1993 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى) 214 - ماددا 2 - تارماق مۇدىرىيەت ئەزاسى، دىرېكتورلار شىركەتنىڭ مەبلىغىنى باشقا ئىشقا يۆتكەپ ئىشلەتكەن ياكى باشقىلارغا ئۆتنە بەرگەن بولسا، ئۇلار شىركەتنىڭ مەبلىغىنى قايتۇرۇشقا بويرۇلىدۇ، شىركەت ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ، ئۇلرنىڭ تاپاۋىتى شىركەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالغان ياكى باشقىلارغا قەرز بەرگەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1( ئۆز ئورنىنىڭ 10 مىڭ يۈەن - 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىپ، قايتۇرمىغىنىغا ئۈچ ئاي بولغانلار؛ 2) ئۆز ئورنىنىڭ 10 مىڭ يۈەن - 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىپ، پايدا تېپىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛ 3( ئۆز ئورنىنىڭ 5000 يۈەن - 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىپ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شىركەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغان پارا ئېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1995 - يىل 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شىركەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارارى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <قارار> دېيىلىدۇ) نى توغرا تەتبىقلاپ، شىركەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغان پارا ئېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن <قارار> نىڭ 9 -، 10 -، 11 -، 12 -، 14 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بىرقانچە كونكرېت مەسىلە توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز: 3. >قارار< نىڭ 11 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، شىركەت ۋە باشقا كارخانىلارنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغان ياكى باشقىلارغا قەرز بەرگەن بولسا، سوممىسى كۆپرەك بولۇپ، ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتسىمۇ قايتۇرمىغان ياكى ئۈچ ئاي توشمىغان بولسىمۇ، سوممىسى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، پايدا ئېلىش ھەرىكىتىدە بولغان ياكى قانۇنسىز ھەرىكەتتە بولغانلىرى مەبلەغنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. >قارار< نىڭ 11 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشتا بولۇپ، ئۆز ئورنىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق مىقداردىكى مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغان بولسا <سوممىسى بىرقەدەر كۆپ> ھېسابلىنىدۇ؛ قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆز ئورنىنىڭ 5000 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغانلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش دېلوسى تۇغۇلغاندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشتىن ئىلگىرى قايتۇرمىغانلارغا <قارار> نىڭ 10 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 4. <قارار> نىڭ 12 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن >قارار< نىڭ 9 -، 10 -، 11 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلاردا بولۇپ، خىيانەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە <مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلغان جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمىسى> گە بىنائەن جازا بېرىلىدۇ. <قارار> نىڭ 12 - ماددىسىدا ئېيتىلغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ياكى باشقا شىركەت، كارخانىلاردا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ھەمدە دۆلەت خىزمەتچىسى سالاھىيىتىگە ئىگە خادىملار جۈملىدىن، دۆلەت شىركەتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ھاۋالە قىلغان ياكى تەكلىپ قىلغان دۆلەت شىركەتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى، ھەمكارلىقىدىكى، پاي تۈزۈمىدىكى شىركەت، كارخانىلىرىدا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ھەمدە دۆلەت خىزمەتچىسى سالاھىيىتىگە ئىگە خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. 5. <قارار> نىڭ 14 - ماددىسىدا ئېيتىلغان <چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى، پاي چەكلىك شىركەتلىرىدىن باشقا كارخانىلارنىڭ خىزمەتچىلىرى> چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى، پاي چەكلىك شىركەتلىرىدىن باشقا كارخانىلاردىكى دۆلەت خىزمەتچىسى ھېسابلانمايدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 6. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن پارا ئېلىش، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىنى بېكىتىشنىڭ مىقدارى ۋە دەرىجىسى بويىچە، ئۆز جايىدا ئىجرا قىلىنىدىغان كونكرېت مىقدار ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ. 7. <قارار> ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن قىلمىشلاردىن <قارار> ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يەنە بىر تەرەپ قىلىنمىغان ياكى بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 9 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن پرىنسىپقا بىنائەن بىر ياقلىق قىلىنىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 272 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆز جايىغا ئىشلەتمەي شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىش ياكى باشقىلارغا قەرز بېرىش مەسىلىسى> نى قانداق چۈشىنىش توغرىسىدىكى تەستىقى (2000 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە: مەھكىمەڭلارنىڭ ش ي س ]1998[ 193 - نومۇرلۇق >جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 272 - ماددىسىدىكى <ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆز جايىغا ئىشلەتمەي شەخسىيلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىش ياكى باشقىلارغا قەرز بېرىش توغرىسىدا> دېگەن بەلگىلىمىنى قانداق چۈشىنىش توغرىسىدا يوليورۇق سوراش دوكلاتى< دىن ۋاقىپ بولدۇق. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىمىز: شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى غەيرىي دۆلەت خادىملىرى خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ ياكى باشقا تەبىئىي شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ ياكى ئۆزىنىڭ نامىدا ئۆز جايىغا ئىشلەتمىگەن مەبلەغنى باشقا تەبىئىي شەخسلەر ۋە ئورۇنلارغا قەرز بېرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 272 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەت مال - مۈلكىنى باشقۇرۇۋاتقان خادىملارنىڭ دۆلەت مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشىغا قانداق جىنايەت بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىقى (2000 - يىل 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) جياڭسۇ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە: مەھكىمەڭلارنىڭ ج ي س ]1999[ 94 - نومۇرلۇق >ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ دۆلەت مال - مۈلكىنى باشقۇرۇۋاتقان خادىملارنى ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتىنىڭ سۇبيېكتى قىلىشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلتىماس< ىدىن ۋاقىپ بولدۇق، ئۇنى مۇھاكىمە قىلدۇق، تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىمىز: دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت مال - مۈلكىنى باشقۇرۇۋاتقان دۆلەت خىزمەتچىسى بولمىغان خادىملاردىن ۋەزىپىسىسىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت مەبلىغىنى شەخسىي ئىشلىتىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 272 - ماددا 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جامائەت پۇلىنى يۆتكەپ شەخسىي شىركەت، شەخسىي كارخانىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىش قىلمىشىغا قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىقى (2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى) خېنەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە: مەھكىمەڭلارنىڭ <جامائەت پۇلىنى يۆتكەپ شەخسىي شىركەت، شەخسىي كارخانىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىش قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللىنىش - شەكىللەنمەسلىكى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىلتىماس> (خېنەن تەپتىش تەتقىقات
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت