قورال - ياراغلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياساش ۋە سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇن بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋە بېكىتىلگەن كارخانىلار قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قورال - ياراغ ياسىغان، ساتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قورال - ياراغلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا قورال - ياراغ ياساش، سېتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، پەقەت ئورۇنلار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
126 - ماددا قورال - ياراغ ياسىشى ۋە سېتىشى قانۇن بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋە بېكىتىلگەن كارخانىلار قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، شۇ ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) قانۇنسىز سېتىش مەقسىتىدە قورال - ياراغنى چەكتىپ ئاشۇرۇپ ياكى بەلگىلەنگەن تۈرگە ئەمەل قىلماي ياسىغان، تەمىنلىگەن بولسا؛
(2) قانۇنسىز سېتىش مەقسىتىدە قورال - ياراغنى نومۇرسىز، تەكرار نومۇرلۇق، يالغان نومۇرلۇق قىلىپ ياسىغان بولسا؛
(3) قورال - ياراغنى قانۇنسىز ساتقان ياكى ئېكسپورت ئۈچۈن ياسالغان قورال - ياراغنى چېگرا ئىچىدە ساتقان بولسا.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى
3 -، 32 -، 44 - ماددىلار مەزكۇر كىتابنىڭ 50 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.