قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قەستەنلىك بىلەن باشقىلارنىڭ تېنىنى زەخىملەندۈرگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتلىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا، ھاياتلىقىغا قانۇنسىز ھالدا زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت، يەنى جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا تولغان ھەمدە جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە زەخىملەندۈرۈش قەستەنلىكى بولۇشى شەرت، يەنى ئۆز قىلمىشىنىڭ باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدىغان خەۋپلىك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولۇشى ھەمدە بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولۇشى ياكى شۇنداق ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول قويۇشى شەرت.
234 - ماددا باشقىلارنىڭ تېنىنى قەستەن زەخىملەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى پەۋقۇلئاددە ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ ئېغىر مېيىپ قىلىۋەتكەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
247 - ماددا ئەدلىيە خادىملىرىدىن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارنى قىيناپ سوراق قىلىپ ئىقرار قىلدۇرغانلىرى ياكى زورلۇق ئىشلىتىپ گۇۋاھچىلاردىن گۇۋاھلىق ئالغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
289 - ماددا توپلىشىپ <ئورۇش، چېقىش، بۇلاش> بىلەن شۇغۇللىنىپ ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنى ۋەيران قىلغان ياكى بۇلىغانلىرى قايتۇرۇش، تۆلەشكە بۇيرۇلغاندىن سىرت، باش ئۇنسۇرلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
292 - ماددا توپلىشىپ ئورۇشقانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) كۆپ قېتىم توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار؛
(2) توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار سانى كۆپ، كۆلىمى چوڭ، جەمئىيەتتە تەسىرى يامان بولغانلار؛
(3) جامائەت سورۇنلىرىدا ياكى مۇھىم قاتناش يوللىرىدا توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛
(4) تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار.
توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
248 - ماددا تۈرمە، توختىتىپ قويۇش ئورنى ۋە قاماقخانا قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغانلىرىنى ئۇرغان ياكى تەن جازاسى بېرىپ خارلىغۇچىلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملاردىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى باشقا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئۇرۇپ ياكى تەن جازاسى بېرىپ خارلاشقا كۈشكۈرتكەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
238 - ماددا باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش، ھاقارەتلەش قىلمىشى بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. زورلۇق ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 232 -، 234 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
قەرزنى قايتۇرۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى قانۇنسىز تۇتۇۋالغان ۋە سولاپ قويغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
333 - ماددا باشقىلارنى قان سېتىشقا قانۇنسىز ئۇيۇشتۇرغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن قان ساتقۇزغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىك قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن باشقىلارنى زەخىملەندۈرگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 234 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)
6 - ماددا مەزكۇر كىتانىڭ 202 - بېتىدىكى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتىدىن پايدىلىنىڭ.