ۋەزىپە ئۆتكەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ _ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1 . ئوبيېكتى _ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش پائالىيىتى بولىدۇ.
2 . ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىش، قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىش ياكى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانمىغان بولسىمۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە توسقۇنلۇق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
277 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
تەبىئىي ئاپەت ۋە ئۇشتۇمتۇت ۋەقەدە قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلغان، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانمىغان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
242 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 277 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىغا ئادەم توپلاپ توسقۇنلۇق قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلاردىن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەسپىي شتاتتىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلسا، ۋەزىپە ئۆتكەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە بىرتەرەپ قىلىشقا بولۇش - بولماسلىق توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابى
(2000 - يىل 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى)
چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە:
مەھكىمەڭلارنىڭ <زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەسپىي شتاتتىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلسا، ۋەزىپە ئۆتەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بولۇش - بولماسلىق توغرىسىدا يوليورۇق سوراش دوكلاتى> دىن ۋاقىپ بولدۇق. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە تەستىق جاۋاب بېرىمىز:
دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭ قانۇن، مەمۇرىي قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جەھەتتە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق توسالغۇلۇق قىلسا، ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەۋاتقان كەسپىي شتاتتىكى خادىملارنىڭ مەمۇرىي جەھەتتە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق توسقۇنلۇق قىلسا، دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىنى ۋەزىپە ئۆتەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلسە بولىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى
(1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
27 - ماددا 2 - تارماق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا قەستەن توسقۇنلۇق قىلغانلاردىن زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانمىغان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 157 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى بىرقەدەر يېنىك بولغانلارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 15 كۈنىدىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى
(1993 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى)
11 - ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتى قانۇنىي ئىگە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى، ساھەلەر قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە تەشكىلاتلىق سالاھىيىتگە ئېرىشىدۇ.
15 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا بولمايدۇ.
تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەردە قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىغا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 157 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلار ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىنىڭ 19 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، دۆلەتلىك سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئوغرىلانغان، بۇلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(1998 - يىل 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى)
1. ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئورۇن ۋە شەخس ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 277 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.