قوراللىق ئىسيان، توپىلاڭ كۆتۈرۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قوراللىق ئىسيان ياكى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پىلانلاپ، ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت خەۋپسىزلىكى (خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىمىيەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈم) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قوراللىق ئىسيان كۆتۈرۈش ياكى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان، ئېلىپ بارغان قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
104 - ماددا قوراللىق ئىسيان ياكى قوراللىق توپىلاڭنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە كۆتۈرگەنلەردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنى، خەلق ساقچىلىرىنى، خەلق ئەسكەرلىرىنى قۇترىتىش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش، ۋە سېتىۋېلىش يولى بىلەن قوراللىق ئىسيان ياكى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
106 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ مۇشۇ بابنىڭ 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
113 - ماددا بۇ بابتا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 103 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا، 105 -، 107 - ۋە 109 - ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ.
56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتىلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ.
سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.