ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ياساش، ئۆزگەرتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى (كىملىكى) نى قەستەن ياساش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئاھالىەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى يالغاندىن ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
280 - ماددا 3 - تارماق ئاھالىلەرنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋالغانلار، ئۆزگەرتىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.