UyghurWiki
UyghurWiki100 مەشھۇر شەخسلەردالتون

دالتون

يۈز مەشھۇر شەخىس 1766 - 1844 ئەنگىلىيە ئالىمى دالتون 19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاتوم نەزەرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ تەرەققىي قىلدۇرغان ئاتوم نەزەرىيىسى ئارقىلىق ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەققىدىكى ھازىرقى زامان ئىلمىي ئىدىيىسى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، خىمىيىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ ساھە ئېچىپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي پەنگە ئايلاندى. ئەگەر تەپسىلىي سۈرۈشتۈرسەك، بارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سانسىزلىغان چەكسىز كىچىك ئاتوملاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنىڭ دالتون ئەمەسلىكىنى بىلىۋالالايمىز. مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى يۇنانلىق پەيلاسوپ دېموكرىت (مىلادىدىن بۇرۇن 460 - 370) ئالەم ئاتوم تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېپكۇر ئىسىملىك يەنە بىر پەيلاسوپ بۇ خىل تەلىماتنى قوبۇل قىلغان. رىملىق يازغۇچى لۇكرېتىئۇس ئۆزىنىڭ داستانى <شەيئىلەر ھەققىدە> دە شۇنىڭغا ئوخشاش پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېموكرىتنىڭ نەزەرىيىسىگە ئوتتۇرا ئەسىردە سەل قارالغان بولۇپ، ئارستوتېل بۇ نەزەرىيىنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنداقلا پەلسەپە جەھەتتە ئاتوم نەزەرىيىسى بىلەن كونكرېت خىمىيۋى ھادىسىلەرنىڭ باغلىنىشىنى تەتقىق قىلغان ھېچقانداق بىرەر ئالىم چىقمىغان. دالتون مۇشۇ يەردىن قول سېلىپ ئاتوم ماشىنىسى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەجرىبىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە، تەجرىبىخانىلاردا تەجرىبىلەرنى ئېنىق ۋە توغرا ئىشلەشكە بولىدۇ. دالتون قوللانغان ئاتالغۇلار بىزنىڭكىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئاتوم، مالېكۇلا، ئېلېمېنت ۋە خىمىيلىك تۈزۈلۈش قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن. ئۇ يەنە، گەرچە دۇنيادا ئاتومنىڭ سانىنىڭ يەنىلا چەكلىك بولىدىغانلىقىنى شەرھىلىگەن. (ئۇنىڭ ئەسىرىدە پەقەت 20 خىل ئېلېمېنت كۆرسىتىلگەن. ھازىر ئېنىقلانغان ئېلېمېنتلار بولسا 100 خىلدىن ئاشىدۇ). ئوخشاش بولمىغان ئاتوملارنىڭ ئاتوم ماسىسى ئوخشاش بولمايدۇ. دالتون ئوخشاش خىلدىكى ئىككى دانە ئاتوم تەبىئىي خۇسۇسىيەت جەھەتتە ئۆز ئارا ئوخشىشىپ كېتىدۇ دېگەندە چىڭ تۇرغان. دالتون ئوخشاشمىغان تۈردىكى ئاتوملارنىڭ ئاتوم ماسسىسىغا ئاساسەن ئاتوم ماسسا جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىققان؛ بۇ ئەڭ دەسلەپكى ئاتوم ماسسا جەدۋىلى، شۇنداقلا شۇنىڭدىن باشلاپ ۋۇجۇدقا كەلگەن ئاتوم نەزەرىيىسىنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. دالتون يەنە ئوخشاش بىر خىمىيىۋى بىرىكمىنىڭ ئىككى مالىكۇلىنىڭ ئوخشاش ساندىكى ئاتومدىن (مەسىلەن، ھەر بىر ئازوت ئوكسىدى مالىكۇلىسىنىڭ ئىككى دانە ئازوت ئاتومى بىلەن بىر دانە ئوكسىېگىن ئاتومدىن) تەركىب تاپىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ھەر قانداق بىر تۈردىكى خىمىيۋى بىرىكمىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش تۈردىكى ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشاش سېلىشتۇرما ئېغىرلىققا ئىگە بولىدۇ. مانا بۇ برېۋستېر يېقىندىلا بايقىغان <چەكلىك ئالاھىدىلىك قانۇنىيىتى>دۇر. دالتون ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسىنى كىشىنى قايىل قىلارلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن 20 يىل ئىچىدە كۆپ سانلىق ئالىملار ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلغان. بۇندىن تاشقىرى، خىمىيە ئالىملىرى ئۇنىڭ ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلان ھەمدە ئۇ ئۆلچىگەن ئاتوم ماسسىسىغا ئاساسەن خىمىيۋى بىرىكمىلەرنى ئانالىز قىلىپ، ھەر بىر مالىكۇلىنى تۇزىدىغان ئاتوملارنىڭ ئېنىق سانىنى بەلگىلىگەن. دالتوننىڭ پىلانى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. دالتون 1766 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ شىمالىدىكى ئىگېرسفېرىددە تۇغۇلغان. 11 ياش ۋاقتىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئۇ بالدۇر يېتىلگەن بالا بولغانلىقتىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تاينىپ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. 12 يېشىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، ئۆمۈر بويى ئوقۇتقۇچى بولغان بولۇپ، بەزى چاغلاردا ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، بەزى چاغلاردا مەخسۇس ئوقۇتقۇچى بولغان. 15 ياش ۋاقىتىدا كاندار شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. 21 ياش ۋاقتىدا مانچېستېرغا كۆچۈپ بېرىپ، 1844 - يىلى شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خىلۋەتتە ياشاپ، توي قىلمىغان. دالتون مىترولوگىيىگىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتت، ئۇ 1787 - يىلى مىترولوگىيە ھەققىدە بىر كىتاب يازغان، شۇ چاغدا ئۇ ئاران 21 ياشتا ئىدى. دالتون تاسادىپىي رەڭ قارىغۇسى بولۇپ قالغان. بۇ ھال ئۇنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان، ھەمدە جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. كېيىن رەڭ قارىغۇسى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان؛ ئۇ بۇ تېمىنى تەتقىق قىلغان تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 100 مەشھۇر شەخسلەر