بېككىرىل
يۈز مەشھۇر شەخىس
1852 - 1908
رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتنى بايقىغان بېككىرىل 8521 - يىلى پارىژ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغان. 1888 - يىلى تەبىئىي پەن دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1892 - يىلى پارىژ دۆلەتلىك تەبىئەت تارىخىي مۇزېيىنىڭ پراكتىكا فىزىكا پروفېسورى بولغان.
قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ بوۋىسى، دادىسى، ئۆزى ۋە ئوغلىدىن ئىبارەت تۆت ئەۋلاد ئۇدا دۆلەتلىك تەبىئەت تارىخى مۇزېيىدا پراكتىكا فىزىكا پروفېسسورى بولغان. 1895 - يىلى، بېككىرىل پارىژ ئالىي سانائەت مەكتىپىدە فىزىكا پروفېسسورى بولغان. 1896 - يىلى، بېككىرىل پارىژ ئالىي سانائەت مەكتىپىدە فىزىكا پروفېسسورى بولغان. 1896 - ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كەشىپاتىنى تاماملاپ شۆھرەت قازانغان.
1895 - يىلى، رېنتىگېن X نۇرىنى بايقىدى، بۇ بايقاش ئىلىم ساھەسىنى زىلزىلىگە سالدى. رېنتىگېن ۋاكوئوملۇق ئەينەك نەيچىسى ئىچىدە كاتون نۇرى ئارقىلىق ئانوتنى پارتىلىتىۋاتقاندا X نۇرىنى بايقىغان. بېككىرىل ئۆز - ئۆزىگە نۇرنى كونترول قىلىش ئارقىلىق نۇر ھاسىل قىلغىلى بولامدىغاندۇ؟ دېگەن سوئالنى قويدى.
بېككىرىل قوزغىتىلغان ماددىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يالتىراق نۇر ۋە X نۇرى چىقىرىشى ھادىسىسىگە ئاساسەن، بۇ خىل كۆرگىلى بولمايدىغان رادېئاتسىيە بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان يورۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك باغلىنىشنى تەتقىق قىلماقچى بولغان. ئۇ نۇر ئاستىدا نەچچە سائەت تۇرغان يالتىراق نۇر چاچىدىغان ئوران سولفات كىرستالنى نۇر ئۆتكۈزمەيدىغان قەغەز بىلەن ئوراپ، ئارىلىقىغا تەڭگە پۇل ۋە تۆشۈك تېشىلگەن مېتالنى قويۇپ، ئۇنى فىليۇنكا ئۈستىگە قويۇپ، بۇلارنىڭ شەكلىنى چىقارغان.
دەسلەپتە، بېككىرىل X نۇر ھاسىل قىلىدىغان يېڭى مەنبەنى تاپتىم دەپ قارىغان. لېكىن كېيىن ئۇ ئوران تۇزلىرىنىڭ نۇر قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ھەم نۇرمۇ چىقارمايدىغانلىقىنى تاسادىپىي بايقاپ قالغان. ئاسماننى بۇلۇت قاپلاپ، قۇياشنى كۆرگىلى بولمايدىغان كۈنلىرى، بېككىرىل مەھكەم ئورلغان ئوران تۇز كرىستالى بىلەن فىليونكىنى كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان تارتما سېلىپ قويغان. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قىليونكىنى يۇغىنىدا، ئالدىنقى قېتىم كۆرگەن ئاشۇ خىل كرىستالنىڭ قىياپىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.
بۇ چاغدا بېككىرىل ئاندىن ئۆزىنىڭ كۆرگىنى فوسفور نۇرى ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىرىنچى قېتىمقى تەجرىبىسىدە ئويلىغانلىرىدىن ۋاز كېچىش قارارىغا كېلىپ، تاسادىپىي بايقالغان بۇ غەلىتە ھادىسىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ناھايىتى تېزلا ئوران تۇزىدىن بۇ خىل نۇر چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل نۇر ئوراننىڭ ھېچقانداق خىمىيۋى رېئاكسىيىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھىقىدىغانلىقىغا ئاساسەن، بېككىرىل: رادىئوئاكتىپلىقنىڭ مەنبەسى خىمىيىۋى رىئاكسىيە بولماستىن، بەلكى ئۇ ئوران تۇزلىرىدا ئەسلىدىن بار بولغان ئالاھىدە ئاكىتىپچانلىقتىندۇر، دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
1896 - يىلى، بېككىرىل يەتتە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزى بايقىغان نۇرلارنى تەپسىلىي شەرھىلەپ ئۆتكەن. بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ھەم بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئالىملار ئىچىدە كىيۇرى خانىممۇ بار ئىدى. ئۇ يەنە تورىي ئېلېمېنتىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇر چىقىرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن كىيۇرى خانىم بىلەن ئۇنىڭ ئېرى كىيۇرى ئىككى خىل يېڭى ئېلېمېنتنى، يەنى پولونىي بىلەن رادىينى تاپتى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى رادىئو ئاكتىپلىق ئېلېمېنتلار ئىدى. كىيۇرى خانىم تۇنجى بولۇپ <رادىئوئاكىتىپلىق خۇسۇسىيەت> دېگەن بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىپ، بۇ خىل ھادىسىنى شەرھىلەپ بەردى.
شۇندىن ئېتىبارەن نۇرغۇن ئالىملار بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، بېككىرىل بايقىغان نۇر ئۈچ خىل نۇردىن يەنى ئالفا نۇرى، بىتتا نۇرى ۋە گامما نۇرىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى بايقىدى ھەمدە بۇ خىل نۇرلار ئۈستىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتلارنى باشلىۋەتتى.
1903 - يىل بېككىرىل ئەر - خوتۇن كىيۇرىلار بىلەن بىللە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1908 - يىلى بېككىرىل فرانسىيىنىڭ كىرۋىزك دېگەن يېرىدە ۋاپات بولدى.
رادىئوئاكىتىپلىق كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە بولغاچقا، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ راك كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاتوم تۈزۈلمىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردىمى بار. ئۇ بىئوخىمىيىلىك تەتقىقاتلار ۋە تاغ جىنىسلىرىنىڭ يېشىنى ئېنىقلاش، يەر قاتلاملىرىنىڭ گىئولوگىيىلىك دەۋرلىرىگە ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ.