پىنكۇس
يۈز مەشھۇر شەخىس
1903 - 1967
پىنكۇس ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان ئامېرىكىلىق بىئولوگ. ئۇ گەرچە تونۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مۇھىم تەرىپى بار:
بىرىنچى: نوپۇسنىڭ پارتىلىشىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇغۇتنى چەكلىگۈچى ئامىل بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈۋېلىش ناھايىتى ئاسان.
ئىككىنچى، بۇ خىل دورىلار جىنسىي ئىقتىدارنى ئۆزگەرتىش رولىغا ئىگە. ھەممىگە مەلۇمكى، ئۆتكەنكى 15 يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ جىنسىي ۋەزىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى.
شۈبھىسىزكى، بۇ خىل غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتمائىي سەۋەبلىرى بار. ئىلگىرى ھامىلدار بولۇپ قىلىشتىن قورقۇش ئاياللارنى نىكاھتىن ئىلگىرى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن چەكلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىناتتى. نىكاھلانغان تەقدىردىمۇ ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن قورقاتتى. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتا ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلمايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتى. شارائىتنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشى ۋەزىيەت ۋە ھەرىكەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
نۇرغۇن كىشىلەر ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۆھپە ياراتقان. بۇ مەسىلە ئۈستىدە خېلى ئۇزاق ۋاقىت تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. قيىنچىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولغان دورىنى تېپىپ چىقىشتا ئىدى.
1937 - يىلى ئىككى ئالىم تەجرىبە ھايۋانلىرىغا nortsigurib(بىر خىل ئانىلىق گورمون) نى ئۇكۇل قىلىپ، ئۇنىڭ چىشى ھايۋاننىڭ تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىشىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئەمما بۇ خىل بايقاش تۇغۇتنى چەكلەشكە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدۇ.
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ تەرەققىياتى 1950 - يىلى ئامېرىكىلىق بىئولوگ پىنكۇس بۇ تېمىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىنلا باشلانغان. ئائىلە مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مەشھۇر ئايال ئالىم ماگارىت. ساگر پنكۇستىن ئىلگىرىكى ئالىملار nortsigurib نى تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلماستىن، ئىچىدىغان دورا قىلىپ ئىشلەتكەن، شۇنداقلا تەجرىبە ھايۋانلىرىغىلا ئىشلەتكەن ئىدى. بىر ئالىم بۇنداق ئىككى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن: ئۇنىڭ بىرى، تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىشنى چەكلەش ئۈنۈمىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى تولۇق بولماستىن، پەقەت %58 كە يېتىدىغانلىقى؛ ئىككىنچىسى، ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى ناھايىتى كۆپ، لېكىن تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىشنى چەكلەش ئۈنۈمىنىڭ ئاران % 58 كە يېتىدىغانلىقى ئىدى.
پىنكۇس ئۆزى ماڭغان يولنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنگەن بولۇپ، مەغلۇبىيەتكە قەتئىي تىز پۈكمىگەن. ئۇ ئوخشاش رولغا ئىگە، ئەمما ئۈنۈمى nortsigurib دىن تۆۋەن بولمىغان باشقا بىر خىل ماددا بولۇشى لازىم دەپ قارىغان. ئۇ بىر گۇرۇپپا تەشكىللىگەن، دەسلەپتە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەتقىقات ئېلپ بېرىپ، ئاخىرى ئۆز ئارا تولۇقلاش رولىغا ئىگە ئىككى خىل گورمۇننى تاپقان. 1956 - يىلى 4 - ئايدا ئايال دوكتور رېئىننىڭ يېتەكچىلىكىدە پوتۋىكۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا سىناق قىلىشقا باشلايدۇ؛ توققۇز ئايلىق تەجرىبىسى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يىگۈزۈپ تەجرىبە قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، تەجرىبە ئۈچ يىلغىچە داۋام قىلغان، 1960 - يىلىغا كەلگەندە ھۆكۈمەت ئاندىن بۇ دورىنى بازارغا سېلىشنى تەستىقلىغانىدى.
چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ كەشپىياتنى پىنكۇس ئۆزى يالغۇز تامالىغان بولماستىن، بەلكى نۇرغۇن ئالىملار ۋە خىمىكلار ئۇنىڭغا يول ئېچىپ بەرگەن، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەر تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان.
پىنكۇس 1903 - يىلى يېڭى جېرسېي شتاتىنىڭ ئۇدبايىندا تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسى روسىيلىك يەھۇدىي ئىدى. 1927 - يىلى خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن بىر نەچچە ئورگاندا پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ <بويسۇندۇرۇلغان مۇنبەت زېمىن> ناملىك كىتابنى ۋە 250 پارچە ئىلمىي ماقالە يازغان.
پنكۇس ئۆمرىدە بىر نەچچە قېتىم ئىلىم - پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. لېكىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىەلمىگەن. 1967 - يىلى ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشى ھىچكىمنىڭ، بولۇپمۇ ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ پىنكۇس ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر بۈيۈك كەشپىياتنىڭ ئاساسلىق ئىنژېنېرى بولۇشقا مۇناسىپ.