Ⅰئىزابېللا
يۈز مەشھۇر شەخىس
1541 - 1504
بۈگۈنكى كۈندىكى كۆپنچە كىشىلەر كاستىللىيەنىڭ كورۇلىۋاسى ئىزابېللا Ⅰ نىڭ كولومبونىڭ ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئېكسىپدىتسىيە قىلىشقا ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىزابېللا Ⅰ ئىنتايىن پائالىيەتچان ۋە ئىقتىدارىق كورۇلىۋا بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىسپانىيە ھەتتا لاتىن ئامېرىكىسىغا چوڭقۇر ۋە مەڭگۈلۈك تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن. شۇنداقلا يەنە ھازىر ياشاۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەرگىمۇ ۋاستىلىك تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
ئىزابىللار ئاراگون كورۇلى فېرىدناندو بىلەن توي قىلغان، ئۇ ئېرى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن؛ لېكىن ئۇنىڭ رولى فېرىدناندوغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئىدى.
ئىزابېللا 1451 - يىلى كاستىللىيە كىنەزلىكى (ھازىرقى ئىسپانىيىنىڭ بىر قىسمى) نىڭ مادرىگال دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. قىز چاغلىرىدا قاتتىق دىنىي تەربىيە ئىچىدە كاتولىك دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولۇپ يېتىشكەن. ئىزابېللانىڭ ئانا بىر ئاكىسى ھېنىرى Ⅳ كاستېللىيە كورۇلى بولۇپ، 1451 - يىلدىن 1474 - يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا ئىسپانىيە تۆت كېنەزلىككە بۆلۈنگەنىدى. ئۇنىڭ بىرى، كاستىللىيە بولۇپ، ئەڭ چوڭ كېنەزلىك ئىدى، ئىككىنچىسى، ئاراگون كېنەزلىكى بولۇپ، ئۇ ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقانىدى؛ ئۈچىنچىسى، گرانادا كېنەزلىكى بولۇپ، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقانىدى. ئۇنىڭغا ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى؛ تۆتىنچىسى شىمالدىكى ناۋاررا كېنەزلىكى ئىدى.
كاستىللىيەنىڭ تەخت ۋارىسى ئىزابېللا ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ باي ھېسابلىناتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن شاھزادىلەر ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويۇشقانىدى. ئۇنىڭ ئاكىسى ھېنرى Ⅳ ئۇنىڭ قوشۇلمايتتى. 1469 - يىلى 10 - ئايدا ئۇ ئاتىسى ھېنرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا فېرىدناندو بىلەن توي قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاتىسى ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا گاۋانا ئىسىملىك يەنە بىر قىزنى بەلگىلەيدۇ. ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىزابېللا تەخت ۋارىسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ گاۋانانىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، دەرھال تەخت تالىشىش ئۇرۇشى پارتلايدۇ. 1479 - يىلى ئىزابېللانىڭ قوشۇنى غەلىبە قىلىدۇ. شۇ يىلى ئاراگون كورۇلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئىزابېللانىڭ ئېرى فېرىدناندو ئاراگونغا كورۇل بولىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، ئىزابېللا ئېرى فېرىدىناندو بىلەن ئىسپانىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىدۇ.
ئىزابېللا بىلەن فېرىدناندو ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سوتچى، زاسىداتېل، تەپتىش ۋە ساقچىلار بولغان تەپتىش سوتى تەسىس قىلىش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭدا جاۋابكارلارغا ئۆزىنى ئاقلاش پۈرسىتى بېرىلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئارتىلغان جىنايەتنى رەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى. ھەتتا جاۋابكارلارغا ئۆزلىرىنى ئەيبلىگۈچىنىڭ ئىسمىمۇ ئۇقتۇرۇلمايتتى. جاۋابكار تاكى ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى بوينىغا ئالغانغا قەدەر، رەھىمسىزلىك بىلەن قىيىن - قىستاققا ئېلىناتتى. شۇڭا، بىرىنچى 20 يىل ئىچىدە، تەخمىنەن 20 مىڭ ئادەم سوتقا تارتىلىپ، بىگۇناھ دارغا ئېسىلغانىدى.
بۇ خىل سوتنى قۇرۇشتىكى مەقسەت، ئىسپانىيىدە مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، ئىككىنچىدىن، كورۇلىۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى فېئودال يەر ئىگىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.
گرانادا كېنەزلىكى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، كورۇل ئىزابېللا ۋە فېرىدناندولار بىلەن كېلىشم تۈزۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويدى. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھۆكۈمەت بۇ كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئىسپانىيىدىن باشقا ئەللەرگە چىقىپ كېتىشىگە مەجبۇر بولدى.
ئېزابىللا 1504 - يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ بىر ئوغۇل، تۆت پەرزەنت كۆرىدۇ.