مورتون
يۈز مەشھۇر شەخىس
1819 - 1868
كىتابخانلارغا مورتون دېگەن بۇ ئىسىم ئانچە تونۇشلۇق بولمىسا كېرەك. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرى نۇرغۇن ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ زور. چۈنكى ئۇ چىش كېسەللىك ئوپېراتسىيىسىدە تۇنجى بولۇپ ئېتىل ئېفىرى بىلەن ناركوز قىلغۇچى.
ئوپېراتسىيىدە ناركوز قىلىشتىن شۆھرەت قازانغاندەك بۇنداق كەشپياتلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. چۈنكى بۇ كەشپىيات ئىنسانىيەتتە زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. كېسەللىكنىڭ سەگەك ئەھۋال ئاستىدا ئوپېراتسىيە قىلىنشىدىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ناھايىتى قىيىن. ۋەھالەنكى، ئىلگىرى ئاغرىق ئازابىغا چىداپ داۋالانماي ئامال يوق ئىدى. ناۋادا ئاغرىتماي ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى تېپىلسا، شۈبھىسىزكى، بۇ ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ئەڭ زور سوۋغا ھېسابلىناتتى.
مورتون 1819 - يىلى ئامېرىكا ماسساچۇ سېتىش شتاتىنىڭ چارتون دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بالتىمور داشۆسىنىڭ چىش دۇختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. 1842 - يىلدىن باشلاپ مورتون چىش تاشقى كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولغان. كېيىن ۋېلىس ئىسىملىك بىر دوختۇر بىلەن ھەمكارلاشقان. ۋېلىسمۇ ناركوزغا ناھايىتى قىزىقاتتى. دەسلەپتە ئازوت (Ⅱ) ئوكسىدنى (كۈلدۈرگۈچى گاز دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ناركوز دورىسى قىلىپ ئىشلەتكەن. مورتون كەسىپدىشى چىش تاشقى كېسەللىكلەر ناركوزىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئازوت (Ⅱ) ئوكسىددىنىمۇ ياخشى بىر خىل ناركوز دورىسىنى تېپىپ چىقىش كويىدا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېتىل ئىفىرنى ئىشلىتىپ كۆرمەكچى بولدى. ئالدى بىلەن ئۇ ئامراق ئىتى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ باردى. ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ بەدىنىدە تەجرىبە قىلىپ كۆردى، ئاندىن بىر كېسەلنىڭ چىشىنى تارتتى. چىشىنى تارتقۇزغان كىشى ھېچقانداق ئاغرىق ئازابى چەكمىگەن. بۇ قېتىمقى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئىنقىلابنى موتون ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
ئوپىراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بىراق، ئىككىنچى كۈنى گېزىتلەردە بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلىنمىدى. مەسىلە بۇ ھەقتە كەڭ كۆلۈمدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مورتون بوستون دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دوكتور ۋالىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇ يېڭى كەشپىياتنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوپېراتسىيىسىدە ئېتىل ئېفىرى ئارقىلىق ناركوز قىلىش توغرىسىدا پۈتۈشتى. دوكتور ۋالىن ئېتىل ئېفىرى بىلەن ناركوز قىلىش ئارقىلىق بىر بىمارنىڭ بوينىدىكى ئۆسمىنى ئوڭۇشلۇق كېسىپ ئالدى. مورتون ۋە ئېتىل ئېفىرى دەرھال كىشىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، ئىككىنچى كۈنى كەشپىيات پاتېنىتىغا ئېرىشتى. لېكىن بۇ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئاۋارىچىلىقتىن خالىي بولالمىدى. نۇرغۇن كىشىلەر موتونغا، ئۇ ناركوز دورىسىنىڭ كەشپىياتچىسى بولۇش شان - شەرىپىگە لايىق ئەمەس دەپ ھۇجۇم قىلىشتى. مورتون ئەسلى مۇشۇ كەشپىيات بىلەن بېيىۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى. چۈنكى ئۇ داۋالىشىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن خىراجەت سەرپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىل ئېفىر بىلەن ناركوز قىلغان دوختۇرلارنىڭ ھېچ قايسىسى كەشپىيات پاتېنىتىغا ئىگە بولغان تۇنجى كەشپىياتچى مورتونغا ھېچقانداق خىراجەت تۆلىمىگەنىدى. 1868 - يىلى 49 يېشىدا مورتون باشقا نۇرغۇن دوختۇر ۋە مەشھۇر كىشىلەرگە ئوخشاشلا نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتتى.