چارلېمان
يۈز مەشھۇر شەخىس
742 - 814
ئىمپېراتور چارلېمان فرانك كورۇللۇقىنىڭ كورۇلى، ساكسونىيىنى ئىستىلا قىلغۇچى، مۇقەددەس رىم ئمپېرىيىسىگە ئاساس سالغۇچى، شۇنداقلا ياۋرۇپا تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ھۆكۈمرانلاردىن بىرى.
چارلېمان 742 - يىلى تۇغۇلغان. لېكىن تۇغۇلغان جايى ئېنىق ئەمەس. ئېھتمال كېيىنكى ۋاقىتلاردا پايتەخت قىلىنغان ئاخېن شەھىرى ئەتراپىدىكى مەلۇم جايدا تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاتىسى <پەتەك> پېپىن، بوۋىسى 732 - يىلى پوئىتئېرس جېڭىدە ئەرەبلەرنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان فرانكلار داھىيسى <بازغان> مارتېل. ئۇنىڭ ئاتىسى پېپىن يېڭى خاندانلىق قۇرغان بولۇپ، كارولىنگى كورۇللۇقىنى چارلېمان بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى كارلومان ئىدارە قىلغان. چارلېماننىڭ ئامىتى ئوڭدىن كەلگەنمۇ ياكى فرانك كورۇلۇققىنىڭ بىرلىككە كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغانمۇ، 1771 - يىلى كارلومان تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ، بۇ چاغدا ئۇ 29 ياشتا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا فرانك كورۇللۇقى غەربىي ياۋرۇپادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ئىدى.
چارلېمان تەختكە چىققان چاغدا فرانك كورۇللۇقىنىڭ زېمىنى ھازىرقى فرانسىيە، بىلگىيە، شىۋېتسارىيە ۋە گوللاندىيە، گېرمانىيىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. چارلېمان كورۇللۇقنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىشنى ئويلىغان. ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئىنىسى كارلوماننىڭ خوتۇنى لومباردىيە پادىشاھلىقىغا قېچىپ كەتكەن. چارلېمان ئۆزىنىڭ لومباردىيىلىك خوتۇنىنى تالاق قىلىۋېتىپ، ئارقىدىن ئەسكەر تارتىپ لومباردىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قىلغان. 774 - يىلى لومباردىيىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ خوتۇنى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئەسىرگە ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنى ھېچكىممۇ كۆرۈپ باقمىغان.
چارلېمان قىلغان ئەڭ مۇھىم، ئەڭ مۈشكۈل ئىش ھازىرقى گېرمانىيىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ساكسونىينى بويسۇندۇرغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 18 قېتىمدىن كۆپرەك ئەسكەر چىقارغان. دىنىي ئامىللار ئۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. ساكسونىيە قەبىلىسى كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلدۇرماقچى بولغان؛ ئۇ خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى رەت قىلغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۋەتكەن.
چارلېمان يەنە ئەسكەر ئەۋەتىپ گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە فرانسىيىنىڭ غەربىي قىسىملىرىنى بويسۇندۇرغان. ئۇ بويسۇندۇرغان ئەڭ ئاخىرقى بىر رايون ئاۋارىلار پادىشاھلىقى بولۇپ، ئاۋار قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. ئاۋارىلار پادىشاھلىقىدىكى ئاھالىلەر ئاسىيادىكى غۇزلار بىەلن قانداشلىقى يېقىن مىللەت بولۇپ، ئۇ يەردە كەڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەن ئىدى، يەنى ھازىرقى ۋېنگىرىيە ۋە يۇگۇسلاۋىيىلەر ئىدى.
چارلېمان ئەرەبلەر ئىگىلەپ تۇرغان ئىسپانىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان، ئۇدا بىر قانچە يىل ئۇرۇش قىلىپ، قاتتىق چارچاپ ھالىدىن كەتكەنلىكتىن ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن. ئۇ غەربىي ياۋرۇپانى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولغان، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 45 يىلدا جەمئىي 54 قېتىم ئۇرۇش قىلغان.
ئەرەب تارىخ كىتابلىرىدا چارلېماننىڭ باغدات خەلىپىسى ھارون. رەشىد بىلەن خەت ئالاقىسىنىڭ بارلىقى ھەمدە ھارون. رەشىدنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ ناھايىتى نۇرغۇن سوۋغا تەقدىم قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ۋاقىت مەلۇم قىلىدىغان سۇ سائىتىنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ سائەت ھەر سائەتتە بىر قتېىم سانى بىلەن تەڭ ساندا مۇھاپىزەتچى چىقىرىپ ۋاقىت مەلۇم قىلىدىكەن . چارلېماننىڭ ياساۋۇل ۋە ۋەزىرلىرى بۇ ئالۋاستىنىڭ كارامىتى دەپ قورقۇپ قېچىپ كېتىشكەنىكەن.