ساكيامونى
يۈز مەشھۇر شەخىس
مىلادىدىن بۇرۇنقى 643 - 563
گائۇتاما 29 يېشىدا تۇنجى پەرزەنتى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، تەركىدۇنيا بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقىقەت ئىزدەش قارارىغا كەلدى.
گائۇتاما سەددغارت (راھىب بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىسمى سوددداناخان) دۇنياۋى چوڭ دىنلارنىڭ بىرى - بۇددا دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى ھىندىستانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كاپىلاۋاستۇ دۆلىتى (ھازىرقى نېپالنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تىروراكىت ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ) دىكى سودوداناخاننىڭ شاھزادىسى ئىكەن. سەددغارتنىڭ ياشلىق دەۋرى راھەت - پاراغەت ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئۇ 16 يېشىدا قۇرداش جىيەن سىڭلىسى ياسودارا بىلەن توي قىلىدۇ. بىراق ئۇ ئوردىدىكى ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشقا قانائەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكىنى، ئۇلار مۇھتاجلىق ۋە زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە بەخت ھەرگىزمۇ بايلارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن نەرسە ئەمەسلىكىنى، ھەرخىل پېشەللىكلەر ئۇلارنى ئەگىپ يۈرىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ كېسەل بولىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئەزرائىلغا تەسلىم بولىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. سەددغارت ھاياتلىقتا، يەنە كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئارىلىقتا ئازاب - ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈم ئۆچۈرۇۋېتەلمەيدىغان بىر خىل نەرسە كېرەك، دەپ ئويلايدۇ.
گائۇتاما 29 يېشىدا، تۇنجى پەرزەنتى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا تەركىدۇنيا بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقىقەت ئىزدەش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالى، بالىسى ۋە بارلىق مال - دۇنياسىنى تاشلاپ، ئوردىدىن ئايرىلىپ، ھېچنېمىسى يوق سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى ساخاۋەتلىك ئادەملەردىن تەلىم ئالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ تەلىماتى ۋە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن قانات ھاسىل قىلمايدۇ. راھىب بولۇپ زاھىتلىق قىلىش ھەقىقەتكە ئۆتىدىغان بىردىنبىر يول دېگەن ئىدىيە، ئەينى ۋاقىتتا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىدىيە دەپ قارىلاتتى.
شۇنىڭ بىلەن گائۇتاما دەرۋىش بولۇش نىيىتىدە، سەپىرىنى داۋام قىلىپ، يالۇۋىرا ئەتراپىغا جايلاشقان سانانى كەنتىگە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ كەنتتە بەش دەرۋىشنى ئۇچرىتىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە دۇئا - ئىبادەت قىلىدۇ. گائۇتاما بالوۋىرادا ئالتە يىل تۇرىدۇ. ئۇ بۇ ئالتە يىل جەريانىدا قاتتىق جاپالىق ئىبادەت قىلىدۇ، ھەتتا ئورۇقلاپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. ئۇ جاپالىق ئىبادەت قىلىش بىلەن ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىپ، قايتىدىن تاماق يېيىشكە كىرىشىپ، جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بەش ھەمراھى ئۇنى تاشلاپ كېتىدۇ.
ئۇ بۇد (فىكوس) دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقاندا، ئۇ بىردىنلا ئۇنىڭ كۆزى يورۇغاندەك، پۈتۈن مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇ كۈن بويى چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق، تاڭ سەھەردە ھاياتلىقتىكى ئازاب - ئوقۇبەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىپ چىققاندەك بولىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ <بۇدساتۋا> (ئويغانغۇچى دېگەن مەنىدە) غا ئايلىنىدۇ.
بۇددىزم تەلىماتىنى مۇنداق تۆت نۇقتىغا (يەنى <تۆت ھەقىقەت> كە) يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ؛ بىرىنچىسى، <جاپا>، يەنى ئىنسان ھاياتىدا بەخت مەۋجۇت ئەمەس، بۇ دۇنيا پۈتۈنلەي <جاپا> ئۈستىگە قۇرۇلغان؛ ئىككىنچىسى، <سەۋەب>، ئۇ ئىنسان ھاياتىدىكى جەۋر - جاپانىڭ سەۋەبى، ئىنساننىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە نەپسانىيەتچىلىكىدىن بولغان دەپ قارايدۇ؛ ئۈچىنچى، <يوقىلىش>، بۇ دۇنيادىكى بارلىق جەبر - جاپانىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بۇددىزمنىڭ بارلىق تائەت - ئىبادىتىدە يەتمەكچى بولغان مەقسىتى. <خالىس بولۇش> <نىراۋانا> (بۇددا دىنىدا ھايات - ماماتتىن خالىي بولغان ھالەتكە ئىنتىلىش توغرىسىدىكى خىيال) - بۇددىزمنىڭ ئەڭ يۇقىرى غايىسى؛ تۆتىنچىسى، <تەرىقەت>، بۇ شەخسىيەتچىلىكتىن قۇتۇلىدىغان بارلىق نەزەرىيىۋى ۋايىزلىق ۋە ئىبادەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ب ۇ بۇددىزىمدا <ئارياش تانگىكا> (سەككىز تەرىقەت) دېيىلىدۇ. يەنى 1. <سامياك - درستى> (توغرا قاراش)، بۇددىزم <ھەقىقىتى>، تۆت ھەقىقەت قاتارلىقلارغا بولغان توغرا قاراش؛ 2. <سامياك - سان - كالپا> (توغرا تەپەككۈر)، تۆت ھەقىقەت قاتارلىق بۇددىزمنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە بولغان توغرا تەپەككۈر؛ 3. <سامياك - ۋاس> (توغرا گەپ - سۆز)، تىل ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، بۇددىزم ئەقىدىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بارلىق گەپ - سۆزلەرنى قىلماسلىق؛ 4. <سامياك - كارمانتا> (توغرا ئىش)، پاك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش؛ 5. <سامياك - ئاجىۋا> (توغرا ھايات يولى)، بۇددىزم قائىدە - يۈسۈنلىرىغا توغرا كېلىدىغان توغرا تۇرمۇش كەچۈرۈش؛ 6. <سامياك - ۋىياياما> (توغرا ئىنتىلىش)، بۇددىزمدا كۆرسەتكەن ئەڭ يۇقىرى غايە <نىرۋانا> ئۈچۈن تەۋرەنمەي ئىنتىلىش؛ 7. <سامياك - سمرتى> (توغرا ئوي - خىيال)، تۆت ھەقىقەتتىن ئىبارەت بۇددىزم <ھەقىقىتى> نى ئەستە چىڭ ساقلاش؛ 8. <سامياك - سامادى> (توغرا ئىستىقامەت)، بۇددىزمنىڭ ئىستىقامەت قىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش تۆت ھەقىقەتنى پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئەستايىدىل كۆزىتىش.
بىز بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتىنى تولۇقلاپ ئۆتمەكچىمىز، ئۇ بولسىمۇ، بۇددىزمنىڭ دەرۋازىسى بارلىق ئىنسانىيەتكە ئېچىقلىق، ئۇ ھىندى دىنىنىڭ ئەكسىچە، ھېچقانداق ئىرق ۋە سىنىپ پەرقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.